«National Review» ژۇرنىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى «خىتايدىكى يېڭى گۇلاگ» دەپ تونۇشتۇرۇلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-05-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
مەلۇم «تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ ئالدىدا پوستا تۇرۇۋاتقان ساقچىلار. 2017-يىلى 3-نويابىر، خوتەن.
مەلۇم «تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ ئالدىدا پوستا تۇرۇۋاتقان ساقچىلار. 2017-يىلى 3-نويابىر، خوتەن.
AP Photo/Ng Han Guan

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئامېرىكىدا ئىككى ھەپتىدە بىر ئېلان قىلىنىدىغان «National Review» يەنى «دۆلەت ئوبزورچىسى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «خىتايدىكى يېڭى گۇلاگ» ماۋزۇلۇق ماقالە ئاپتور جەي نوردلىنگېر تەرىپىدىن يېزىلغان. ئۇ ماقالىسىدە ئالدى بىلەن بۇ خەۋەرنى يېزىشىغا سەۋەب بولغان كىشىنىڭ ئامېرىكىدىكى داڭلىق خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى جېررىي كوخېننىڭ سۆزى سەۋەب بولغانلىقىنى يازغان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «بىز 30-ئاپىرىلدىكى سانىمىزدا داڭلىق تەتقىقاتچى جېررىي كوخېن ھەققىدە بىر ماقالە ئېلان قىلغان ئىدۇق. شۇ چاغدا ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ بىر نەرسىدىن بەك بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق بىر قانۇنىي جەريان بولماي تۇرۇپ كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنىشى بولۇپ، بۇ ئۇنىڭغا 40 تىن ئارتۇق ئۇرۇق-تۇغقىنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئاۋسترىيە ۋە گېرمانىيەنى ئەسلىتىدىكەن.»

ئاپتور سۆزىنى مۇنداق داۋام قىلغان: «جېررىي كوخېن ناھايىتى ئاقىل ۋە تەجرىبىلىك بىر كىشى. ئالدىراقسانلىق بىلەن سۆز قىلىدىغانلاردىن ئەمەس. ئۇنىڭ ئاغزىدىن بۇنداق سۆز چىققان ئىكەن، ئۇنى دىققەتكە ئېلىش كېرەك. ئۇ ماڭا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنىڭ دۇنيا ئاخباراتىدا يېتەرلىك دىققەتكە ئېلىنمايۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. شۇڭا بىز بۇ ماقالە ئارقىلىق مەسىلىگە دىققەت تارتىشنى مەقسەت قىلدۇق.»

ئۇنداقتا جېررىي كوخېن كىم؟ ئامېرىكىدىكى ئادۋوكات نۇرىي تۈركەل ئەپەندى جېررىي كوخېن ئەپەندى ۋە بۇ «National Review» ژۇرنىلى ھەققىدە بىزگە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى. نۇرىي ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، جېررىي كوخېن ئەپەندى ئۆزى بىۋاسىتە ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قۇتۇلۇپ چىققان كىشى بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىدا ئىنتايىن ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان قانۇنشۇناس، خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى بولۇپ، يۇقىرىدىكى بۇ ژۇرنال مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىقىپ قېلىشىدا ئەلۋەتتە بۇ كىشىنىڭ يۇقىرىدىكى سۆزى ئىنتايىن چوڭ رول ئوينىغان. بۇنىڭ بىلەن ژۇرنال يازغۇچىسى جەي نوردلىنگېر نۇرىي تۈركەل ئەپەندى قاتارلىقلارنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق بۇ ماقالىنى يېزىپ چىققان ئىكەن. نۇرىي تۈركەل ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ژۇرنال ئامېرىكىدىكى كونسېرۋاتىپلار ئوقۇيدىغان نوپۇزلۇق ژۇرنال بولغاچقا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بۇ ژۇرنالدا ۋە ئىلگىرى سابىق پرېزىدېنت جورج بۇشنىڭ نۇتۇق يازغۇچىسى بولغان كىشى تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇشى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىكەن. 

ئاپتور جەي نوردلىنگېر ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئىنتايىن تەپسىلىي چۈشەندۈرگەن. ئۇنىڭدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردىكى بىردىن-بىر ئاۋازى بولغان ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تۇتقۇن قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ، ئۆچ ئېلىۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق ئۆچ ئېلىش ۋاسىتىسىنى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئۆكتىچىلەر ۋە ژۇرنالىستلارنى جازالاش ئۈچۈن داۋاملىق قوللىنىپ كەلگەنلىكى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ۋەتىنىدىكى بالىلىرى، نەۋرىلىرى قاتارلىق 30 دىن ئوشۇق ئائىلە ئەزاسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى قاتارلىق تەپسىلاتلارنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن. ئۇ شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنىنى يېڭى چېگرا دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدىغان «شىنجاڭ» دەپ ئاتىسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زېمىنىنى «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتايدىغانلىقىنى، ئەمما كىمكى «شەرقىي تۈركىستان» دا تۇرۇپ «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىپ قالسا ئېغىر جازالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

ئاپتور يەنە مۇنۇلارنى بايان قىلغان: «خىتاي ھۆكۈمىتى رايوننى تۈرۈكلۈكتىن ئۇزاقلاشتۇرۇپ، خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى مىليونلىغان خىتاينى رايونغا كۆچۈرۈپ كەلگەن، ئۇلار تىبەتكىمۇ شۇنداق قىلغان. سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ بالتىق دۆلەتلىرىنى رۇسلاشتۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلغان. . . نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىگە قارشى چىقىپ كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا ئۇيغۇرلارغا قارشى «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتى قوزغىغان. ناھايىتى ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلار قوراللىق گۇرۇپپىلارغا قاتناشقان. ئەمما بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تېررورلۇق ماركىسى چاپلاپ، ئەدەپلىشى ئۈچۈن بىر باھانە بولغان. بىرما ھۆكۈمىتىمۇ روھېڭگا خەلقىگە خۇددى مۇشۇنداق ئۇسۇل قوللانغان ئىدى». 

ئاپتور ماقالىسىدە يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سىياسىي-قانۇنغا مەسئۇل مۇئاۋىن سېكرېتارى جۇ خەيلۇننىڭ بىر قېتىملىق نۇتقىدا: «ياۋا ئوت-چۆپلەرنى بىر-بىرلەپ يۇلۇپ بولغىلى بولمايدۇ، ئۇلارنى يوقىتىش ئۈچۈن ھەممە زىرائەتلەرگە دورا چېچىشقا توغرا كېلىدۇ» دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەنلىكىنى مىسال كەلتۈرگەن. 

ماقالە ئاپتورى جەي نوردلىنگېر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنى كىملىكىگە ھۇجۇم قىلىدىغان تۈرلۈك بېسىم سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىرقى ئەڭ قورقۇنچلۇق نەرسىنىڭ «گۇلاگ» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. گۇلاگ سوۋېت مەزگىلىدە قوللىنىلغان جازا لاگېرلىرى بولۇپ، ئاپتور ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» نى ئەنە شۇ ستالىن دەۋرىدىكى دەھشەتلىك جازالاش ۋە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ھەم تەربىيىلەش لاگېرلىرىنىڭ نامى بويىچە «گۇلاگ» دەپ ئاتىغان. ئۇ بۇ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئېتىراپ قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە يېرىم مىليوندىن-بىر مىليونغىچە كىشىنىڭ لاگېرلاردا سولانغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، بۇ مەركەزلەرگە سولانغانلار باشتا دىنى ۋە سىياسىي قارىشى كۈچلۈك بولغانلار بولسا، كېيىنچە داۋاملىق تۈردە چەتئەللەرگە چىقىپ باققانلار ياكى تېلېفوندا سۆزلەشكەنلەر، ئوقۇتقۇچىلار، زىيالىيلار، بولۇپمۇ ياشلار يەنى 80-90-يىللاردا تۇغۇلغان ياشلارنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئاتاقلىق دىنى ئۆلىما مەمەت سەلەي ھاجىم ۋە پۇتبول چولپىنى ئېرفان ھېزىملەرنىڭ ۋەقەسىنى مىسال كۆرسەتكەن. 

ئۇ بۇ قورقۇنچلۇق لاگېرنىڭ خىتاي پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو كەلگەندىن كېيىن يولغا قويۇلغانلىقىنى، ئۇ بارلىق قاتتىق قوللۇق تۈزۈملىرىنى تۈرلۈك يېڭى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق نازارەتكە ئېلىپ باستۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاخىرى بېرىپ كېچىدە تۇتقۇن قىلىنىش ئېھتىمالىغا قارشى قېلىن كىيىملىرىنى تەييارلاپ قويۇپ ئۇخلايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى، «يېپىق تەربىيىلەش لاگېرلىرى» دا ئۇيغۇرلارنىڭ «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى» دەيدىغان سىياسىي تەربىيىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر بولۇشتىن تېنىشقا مەجبۇرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

ئاپتور ماقالىسىنىڭ داۋامىدا، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقانلارنىڭ ئىنتايىن جىددىي بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى يەنە جېررىي كوخېننىڭ سۆزى ئارقىلىق تەسۋىرلىگەن. ئۇ ماقالىسىدە: «خىتاي تەتقىقاتچىسى جېررىي كوخېن ئۆزىنىڭ بۇنى ناتسىستلار گېرمانىيەسىگە ئوخشاتماي تۇرالمايۋاتقانلىقىنى دېدى. گەرچە زور قىرغىنچىلىقلار تېخى يۈز بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قارىشىچە يۈز بېرىۋاتقانلار ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ دەسلەپكى شەپىلىرى ئىكەن. پەقەت ئۇيغۇرلارلا ئەمەس نۇرغۇن باشقا مۇتەخەسسىسلەرمۇ ئاشۇنداق شەپىنى ھېس قىلىپتۇ» دەپ يازغان. 

ئامېرىكا ئەركىنلىك سارىيى تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك خانىم «يېپىق تەربىيىلەش لاگېرلىرى» ئۈستىدە توختىلىپ، بۇنىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئاللىقاچان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى يۈز بېرىۋاتقان بىر شارائىتتا، بۇنداق قانۇنسىز، ھېچقانداق بىر قانۇن تەرتىپى بولمىغان، كىشىلەر مۇددەتسىز بىر شەكىلدە قاماققا ئېلىنىدىغان «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» نى «كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەڭ ئېغىر شەكىلدە دەپسەندە قىلىنىشى»، دەپ كۆرسەتتى. 

نۇرىي تۈركەل ئەپەندى بولسا سۆزىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئىنتايىن جىددىيلىكىنى، بۈگۈنكىدەك بىر ئەسىردە، ئىنسانىي بىر جەمئىيەت ۋە بىر دۇنيا قۇرۇپ چىقىش ئارزۇ قىلىنىۋاتقان بىر جاھاندا ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقانلارغا ئامېرىكا باشلىق غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ قاراپ تۇرماسلىقى كېرەكلىكىنى ئاگاھلاندۇردى. 

«National Review» دىكى «خىتايدىكى يېڭى گۇلاگ» ماقالىسىنىڭ ئاپتورى جەي نوردلىنگېر ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن تەخىرسىزلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ: «ئەلۋەتتە دۇنيادا نۇرغۇن ۋەقەلەر يۈز بېرىۋاتقان بولغاچقا ئاخباراتلارنىڭ ھەممىسىگە يېتىشىپ بولۇشى ناتايىن. بىراق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان بۇنداق جىددىي بىر ئەھۋالغا دۇنيا يېتەرلىك دەرىجىدە دىققەت قىلمىغانلىقىدىن قاتتىق نارازى. ئۇلارنىڭ نىداسىدىكى تەخىرسىزلىكنى يوشۇرۇپ قالالمىغان ئىدى. بۇنى تامامەن چۈشىنىشكە بولىدۇ» دەپ يازغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت