خوتەندە 600 مو يەر زورلۇق بىلەن تارتىۋېلىنغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز رۇقىيە
2013.04.10
dehqan-305.jpg ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلار.
RFA

خىتاي ساقچىلىرى ۋە يېزىلىق ھۆكۈمەت، خوتەن شەھەر لاسكۇي يېزا ئاقتاش كەنتىدىكى 70-80 ئۆيلۈك دېھقاننىڭ 600 مو تېرىلغۇ يېرىنى مەجبۇرى تارتىۋالغان.

ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى چىققان مەتتوختى ئىمىن ۋە ئۇنىڭ 15-16 ياشلىق ئوغلى ئابدۇسالام مەتتوختى بىلەن ئابدۇسالام مەتتوختىنىڭ دوستى ساقچىلار تەرىپىدىن تاياق يەپلا قالماي، بەلكى تۇتۇپ كېتىلگەن.

ۋەقە يۈز بەرگىلى 10 كۈندىن ئاشقان بولسىمۇ، تۇتۇپ كېتىلگەنلەردىن تېخىچە ھېچقانداق خەۋەر يوقلۇقى مەلۇم. 1998-يىلى يولغا قويۇلغان خىتاي يەر قانۇنىنىڭ 47-ماددىسىدا تۆلەم بېرىش بەلگىلىمىلىرى بەلگىلەنگەن.

ھالبۇكى، تارتىۋېلىنغان يەرگە تۆلەم  بېرىش، يەر ئىگىسىنىڭ قايتا ئولتۇراقلىشىشىنى ھەل قىلىش، تېرىلغۇ يەرلەردىكى زىيانغا ئۇچرىغان زىرائەتلەرگە تۆلەم بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەردە تۆلەم پۇلى، بازا باھاسى تەرىپىدىن ئەمەس؛ بەلكى يەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن بولغاچقا، دېھقانلار ئېغىر زىيانغا ئۇچراپ كەلمەكتە.

بىز لاسكۇي يېزىسىدىكى يەر ماجىراسىدىن خەۋەردار بىر ئۇيغۇردىن بۇ ۋەقە توغرىسىدا ئەھۋال ئىگىلىدۇق ۋە خوتەن شەھەرلىك يەر باشقۇرۇش ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىپ ئاقتاش كەنتىدىكى يەرلەرنىڭ يېزىلىق ھۆكۈمەت شۇجىسى خۇ جيەنخۇانىڭ بۇيرۇقى بىلەن تارتىۋېلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.