خوتەندىكى تىجارەتچى ۋە دېھقانلارمۇ بىخەتەرلىك مانېۋىرىغا مەجبۇرلانماقتا

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017.04.21
herbi-manewir-xoten-ayropilan.jpg يولۇچىلار ئايروپىلانى بىلەن توشۇلغان خىتاي قوراللىق كۈچلىرى «تېررورلۇق» قا قارشى مانېۋىر ۋە قەسەميادقا تەييارلىق قىلىپ، ئايروپىلاندىن چۈشمەكتە. 2017-يىلى 27-فېۋرال، خوتەن.
AFP


14-فېۋرال خوتەن گۇما پىچاقلىق ھۇجۇمىدىن كېيىن پۈتكۈل خوتەن ۋىلايىتى مىقياسىدا ساقچى-خەلق ھەمكارلىقىدىكى «بىخەتەرلىكنى قوغداش مانېۋىرى» يولغا قويۇلغانلىقى مەلۇم. خوتەن تەۋەسىدىكى ساقچى ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى مانېۋىر ھەر كۈنى 5-6 سائەت داۋاملىشىدىغان بولۇپ، بۇ خىل مانېۋىرلارغا دۇكاندار-تىجارەتچىلەردىن باشقا، ھەتتا دېھقانلارمۇ مەجبۇرلانغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغانلىقى ھەققىدىكى بىر پارچە خەۋەردە قەشقەردە تىجارەتچىلەرنىڭ قوللىرىدا كالتەك تۇتقان ھالدا دۇكانلىرى ئالدىدا تىزىلىپ تۇرغانلىقى سۈرەتلەنگەن رەسىملەر بېرىلگەن. كېيىن بۇ رەسىملەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.

جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى خوتەننىڭ چىرا ناھىيىسىگە تېلېفون قىلىپ، ئەھۋال ئىگىلىگىنىمىزدە بۇ خىل بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ خوتەندىمۇ ئەۋج ئالغانلىقى مەلۇم بولدى. بۇ ھەقتە توختالغان يەرلىك تىجارەتچىلەر ئۆزلىرىنىڭ ھەر كۈنى ئاز دېگەندە بىر قېتىمدىن يېزىلىق ساقچىخانا ئۇيۇشتۇرىدىغان «بىخەتەرلىك مانېۋىرى» غا قاتنىشىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا ھېچقانداق ھەق بېرىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

چىرالىق تىجارەتچىلەر تىلغا ئالغان ئاتالمىش بىخەتەرلىك مانېۋىرى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي ئەھۋاللارنى بىلىش مەقسىتىدە ناھىيە تەۋەسىدىكى ساقچىخانىلارغا قىلغان تېلېفونلىرىمىزدىن، نۆۋەتتە پۈتكۈل خوتەن ۋىلايىتى مىقياسىدا «ساقچى-خەلق ھەمكارلىقىدىكى بىخەتەرلىك مانېۋىرى» يولغا قويۇلۇپ، تىجارەتچىلەر ھەتتا يېزىدىكى دېھقانلارنىڭمۇ رايونلارغا بۆلىنىپ، ھەر كۈنى ئاز دېگەندە بىر قېتىمدىن بۇ خىل مانېۋىرلارغا مەجبۇرى قاتنىشىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

چىرا ناھىيىسى ئۇلۇقساي ساقچىخانىسىنىڭ كېچىلىك نۆۋەتچى ساقچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئۇلۇقساي مەركىزى ساقچىخانىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا مانېۋىر ئۆتكۈزگەندىن باشقا، يېزا تەۋەسىدىكى 7 كەنت، بىر قاراۋۇلخانىدىكى ساقچى ۋە ياردەمچى ساقچىلار ئۆزى تەۋەلىكىدە ھەر كۈنى 3 قېتىم مانېۋىر ئۆتكۈزىدىكەن.

مەزكۇر ساقچى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبىتىمىز جەريانىدا يەنە، پۈتكۈل خوتەن تەۋەسىدە داۋام قىلىۋاتقان بۇ خىل مانېۋىرلارنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن، تىجارەتچى-دۇكاندارلارغا ئۆزىنى قوغداش كالتىكى، تۆمۈر قالپاق، قالقان، تىكەنلىك توقماق قاتارلىقلار تارقىتىلغانلىقى، مانېۋىر سىگنالى چېلىنغان ھامان تىجارەتچى ۋە دېھقانلارنىڭ ئەڭ تېز سۈرئەت بىلەن بەلگىلەنگەن ئورۇنغا يىغىلىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى.

نۆۋەتچى ساقچى يەنە، بۇ خىل مانېۋىرلارنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللار ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ ئىنكاسلىرى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ، ئۇلارنىڭمۇ بۇ رېئاللىقنى قوبۇل قىلىدىغان ھالغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان مۇقىملىقنى قوغداش مانېۋىرلىرى، بۇ يىل 14-فېۋرالدىكى گۇما پىچاقلىق ھۇجۇمىدىن كېيىن ساقچى-خەلق ئەسكەرلىرى-پۇقرلارنىڭ ھەممىسى قاتنىشىدىغان بىرلەشمە مانېۋىرغا ئۆزگەرگەن. مانېۋىرلاردا ساقچىلارنىڭ مەشغۇلات ۋاقتى 5-6 سائەت بولسا، تىجارەتچى-دېھقانلارنىڭ ھەر كۈنى بىر سائەتتىن 2 سائەتكىچە بولغان ۋاقتى مانېۋىرغا سەرپ قىلىنىدىكەن.

تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلاڭ.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.