«ساخاروف مۇكاپاتى» نىڭ ساھىبى خۇ جيا: «ئۇيغۇرلار ئېتنىك قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2018.12.03
xu-jya-hu-jia-telefon.jpg 2008-يىلىق ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى ساھىبى، بېيجىڭ شەھىرىدە تۇرۇشلۇق خۇ جىيا ئەپەندى تېلېفون سۆزلىشىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 10-ئاپرېل، بېيجىڭ.
AP

خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن 2008-يىللىق «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نىڭ ساھىبى خۇ جيا ئەپەندى بۈگۈن رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى فاشىستلارچە جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، بىر مىللەتكە قارىتا دۆلەت تېررورلۇقى سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى» نى ئەيىبلىدى.

خۇ جيا ئەپەندى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى تەسۋىرلەپ، «ئەگەر پۈتكۈل جۇڭگو خەلقى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىدە ياشاۋاتقان بولسا، ئۇيغۇرلار ئاشۇ تۈرمىدىكى جازا لاگېرلىرىدا مىللەت گەۋدىسى بويىچە باستۇرۇلۇشقا ۋە ئېتنىك قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى» نى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «11 مىليون نوپۇسى بار مىللەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى لاگېرغا قاماپ قويۇش دېگەنلىك بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئىلگىرى ئېلىپ بارغان فالۇنگوڭچىلارنى باستۇرۇش، ھەرقايسى جايلاردا قۇرۇلغان ئەرزدارلارنى ‹قانۇن ئۆگىتىش› دېگەن نامدا سولاپ قويۇشتىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتكەن بىر ۋەقە دېيىشكە بولىدۇ. ئەگەر بۇنى ئوخشىتىشقا توغرا كەلسە پەقەت ناتسىستلار گېرمانىيەسى دەۋرىدىكى يەھۇدىيلار قامالغان جازا لاگېرلىرىغىلا ئوخشىتىش مۇمكىن.»

خۇ جىيا ئەپەندى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى: «ئەگەر سىز جۇڭگو قۇرۇقلۇقىدا ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى دوزاخنى ئىزدىمەكچى بولسىڭىز، ئۇ جاي دەل شىنجاڭ. ئۇ چوقۇم شىنجاڭ. ئۇ يەرنى ھازىر ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى 18 قەۋەتلىك دوزاخنىڭ ئۆزى دېسەك بولىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا جۇڭگودىكى يەنە بىر دوزاخ تىبەت. چۈنكى ھازىر ئۇيغۇر مەسىلىسىنى جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئىنسان ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسى دېسەك بولىدۇ.»

خۇ جيا ئەپەندى 28-نويابىر كۈنى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ «رىيال ئەھۋاللار ھەققىدە ئىنكاس» پروگراممىسىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، ئۇ شۇ كۈنكى پروگراممىدىمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرغان ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى جازا لاگېرلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ئىدى.

ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «مېنىڭ نەزىرىمدە شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋاللار ئاللىقاچان كىشىلىك ھوقۇقنى باستۇرۇش ئۇقۇمىدىن ئېشىپ كەتتى، ئۇ يەر ھازىر ئىنسانىيەتنىڭ دوزىخىغا ئايلاندى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئەڭ رادىكال ھالەتتىكى ئاتالمىش مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنىڭ ھەممىسىنى شىنجاڭدا ئىشلەتتى، ھەتتا بۇ خىل باستۇرۇش بارغانچە ئومۇملىشىۋاتىدۇ ۋە پۈتكۈل جۇڭگو تېررىتورىيەسىگە كېڭىيىۋاتىدۇ.»

ئېلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «تېررورىزمغا زەربە بېرىش» نامىدا مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت كىملىكىنى خىتايلاشتۇرۇۋاتقانلىقى، ھەتتا ‹جۇڭخۇا مىللىتى› نامىدا خىتاي كىملىكىنى مەجبۇرىي تېڭىپ، پۈتكۈل مىللەت بويىچە ئېتنىك تازىلاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر دىيارىنى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرۇپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىگە نىسبەتەن دۆلەت تېررورلۇقى سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خۇ جيا ئەپەندى چارشەنبە كۈنى «ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى ئەھۋالىنى بايان قىلىپ، مەزكۇر پروگراممىدىن كېيىن، ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا ئۇچرىغانلىقىنى، ئۇندىن باشقا يەنە خىتاي تورداشلىرىدىنمۇ ئوخشىمىغان ئىنكاسلارنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.

خۇ جيا ئەپەندى يەنە ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن بېشىغا كېلىش ئېھتىماللىقى بولغان تۇتقۇن قىلىنىش، ھەتتا قايتىدىن تۈرمىدە يېتىش خەۋپىگە قارىماي رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ خىتاي پۇقرالىرىغا ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىگە نىسبەتەن سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقان، ھەتتا قوللاۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىنى ئويغىتىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «شۇڭا ھازىرقى شارائىتتا خەتەرگە قارىماي تېخىمۇ جىق خىتاي پۇقرالىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشىغا خۇددى جەڭگە ئاتلانغان جەڭچىلەردەك مەيدانغا چىقىش كېرەك. 28-نويابىر ‹ئامېرىكا ئاۋازى› نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشىم ۋە بۈگۈن ‹ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى› نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشىممۇ، پەقەتلا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قىرغىنچىلىققا نىسبەتەن ھەقنى سۆزلەشتىن ئىبارەت ئىنسانلىق بۇرچۇمنى ئادا قىلىشتىن ئىبارەت.»

ئېلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ خىتاي پۇقرالىرىمۇ ئورنىدىن دەست تۇرۇپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان پۈتكۈل مىللەت بويىچە باستۇرۇلۇش ۋەزىيىتىگە قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇشىنىڭ مۇھىم ۋە زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئەگەر خىتاي پۇقرالىرىدا بۇ خىل ۋەزىيەتكە نىسبەتەن داۋاملىق سۈكۈتتە تۇرۇش داۋاملاشسا ئۇ ھالدا ئاقىۋەتنىڭ تېخىمۇ ئېغىر بولىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان فاشىستلارچە باستۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ پۈتكۈل خىتاي تېررىتورىيەسىگە كېڭىيىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جيانىڭ 28-نويابىر كۈنى «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە ھەققانىي مەيداندا تۇرۇپ قىلغان سۆزلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى. خۇ جيانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رېجىمى ئاستىدا ياشاۋېتىپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقىدەك ھەقىقەتنى سۆزلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىليونلارچە ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا قاماشتەك فاشىستلارچە باستۇرۇش سىياسىتىنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلغانلىقىنى «قەھرىمانلىق» دەپ مەدھىيەلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.