مۇخبىرىمىزنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئېنىقلىشى داۋامىدا تۈركىيەدە قاماقتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ يېڭىشەھەرنىڭ ياپچان يېزىسىدىكى يېقىن-ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىڭ پۈتۈنلەي تۈرمىدە ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.
مۇخبىرىمىزنىڭ ئىلگىرىلەپ ئېنىقلىشى داۋامىدا ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ ئائىلىدە يالغۇز ئوغۇل ئىكەنلىكى، تۈرمىدە يېتىۋاتقانلارنىڭ بولسا ياپچاننىڭ نەۋرە ئاكىسى ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى، شۇنداقلا ئايالىنىڭ قېرىنداشلىرى بولۇپ ئاز دېگەندە 20 كىشى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.
قەشقەر يېڭىشەھەرنىڭ ياپچان بازىرىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، تۈركىيەدە قاماقتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ پۈتۈنلەي تۈرمىدە ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى. ئەمما كەنت سېكرېتارلىرى ياپچاننىڭ نۆۋەتتە تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ كىملىكلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىگەن ئىدى.
بۈگۈن ياپچاندىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئابدۇقادىر ياپچان ئائىلىسىنى يېقىندىن بىلىدىغان، ئەمما ئاۋازىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىرەيلەن، بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئابدۇقادىر ياپچان ئائىلىدە يالغۇز ئوغۇل بولۇپ ئۇ 3 ياش ۋاقتىدا دادىسى ۋاپات بولغان؛ ئانىسى 2015 -يىلى كۆز يۇمغان. نۆۋەتتە ئۇنىڭ ئانا تەرەپتىن نەۋرە ئاكىسى مەمتىمىن يۇنۇس ۋە ئۇنىڭ ئەكبەرجان قاتارلىق 18 ياشتىن ئاشقان 5 نەپەر ئوغۇل-قىزى؛ دادا تەرەپ تاغىسى ھاشىم توختىنىڭ مۇھەممەد ئىمىن، ماھمۇتجان، توختىقارى، ئايشەمگۈل ۋە پاتىگۈل قاتارلىق 6 نەپەر ئوغۇل- قىزى؛ ئايال تەرەپتىن قېيىن سىڭلىسى خەيرىگۈل، قېيىن ئىنىسى مەخمۇت قارى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرى بولۇپ ئاز دېگەندە 20 كىشى تۈرمىدە ئىكەن.
كەنت سېكرېتارلىرى بۇ ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشتىن رەت قىلغاندىن كېيىن ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان يۇرتدىشى ئابدۇسالام ئەپەندىدىن ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ يۇرتىدىكى تۇغقانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. ئۇ ياپچاندىكى ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان كىشى بەرگەن مەلۇماتلارنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىدى.
يۇقىرىدا تۈركىيەدە قاماقتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ قەشقەر يېڭىشەھەردىكى نەۋرە ۋە باجا تۇغقانلىرىدىن ئاز دېگەندە 20 كىشىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.
0:00 / 0:00