ياۋروپانىڭ 3 چوڭ شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019.02.04
Belgiye-namayish-1.jpg

ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان «مىللىي كۆز قاراش» تەشكىلاتى بىريۇسسېلدا قىلغان نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 3-يانۋار، بېلگىيە. RFA/Erkin Tarim

Belgiye-namayish-2.jpg

ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان «مىللىي كۆز قاراش» تەشكىلاتى بىريۇسسېلدا قىلغان نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 3-يانۋار، بېلگىيە. RFA/Erkin Tarim

Fransiye-namayish-1.jpg

ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان «مىللىي كۆز قاراش» تەشكىلاتى پارىژدا قىلغان نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 3-يانۋار، فىرانسىيە RFA/Erkin Tarim

Fransiye-namayish-2.jpg

ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان «مىللىي كۆز قاراش» تەشكىلاتى پارىژدا قىلغان نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 3-يانۋار، فىرانسىيە RFA/Erkin Tarim

sitokolm-namayish-1.jpg

ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان «مىللىي كۆز قاراش» تەشكىلاتى سىتوكھولمدا قىلغان نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 3-يانۋار، شىۋېتسىيە. RFA/Erkin Tarim

sitokolm-namayish-2.jpg

ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان «مىللىي كۆز قاراش» تەشكىلاتى سىتوكھولمدا قىلغان نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 3-يانۋار، شىۋېتسىيە. RFA/Erkin Tarim

ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان «مىللىي گۆرۈش»، يەنى «مىللىي كۆز قاراش» تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن ياۋروپا دۆلەتلىرى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىلىرىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.

«مىللىي گۆرۈش» تەشكىلاتى مىللىيلىكنى، ئۆرپ-ئادەتنى قوغداپ قېلىشنى تەرغىب قىلىدىغان سىياسىي ھەرىكەت بولۇپ، بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇر دەۋاسىنى قوللاپ كەلمەكتە. «مىللىي گۆرۈش» تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان پائالىيەتلەرگە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلماقتا.

«مىللىي گۆرۈش»، يەنى «مىللىي كۆز قاراش» تەشكىلاتىنىڭ فىرانسىيە شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى فاتىھ ئەپەندى نامايىش مەيدانىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نامايىشنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «قىممەتلىك ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم بىز ‹مىللىي گۆرۈش› تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ياۋروپا دۆلەتلىرىدە نامايىش ئۆتكۈزدۇق. بۇلاردىن باشقا ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبورن شەھىرى بىلەن ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدۇق. بىزنىڭ بۇلارنى قىلىشىمىزدىكى مەقسىتىمىز ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان بۇ ھەقسىزلىق ۋە ئادالەتسىزلىكنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىش. چۈنكى ھازىر، خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بولۇپ باقمىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئېلىپ بارماقتا. دۇنيا رەھبەرلىرىنى بۇنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرتىش ئۈچۈن بۇ نامايىشنى ئۆتكۈزدۇق».

3-فېۋرال كۈنى فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژ، بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ۋە شىۋېتسىيەنىڭ سىتوكھولم شەھەرلىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشلىرى ئېلىپ بېرىلدى.

فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدىكى نامايىش چۈشتىن كېيىن سائەت 15:00 دە باشلانغان بولۇپ، ئىككى سائەت داۋاملاشقان بۇ نامايىشقا قاتناشقان فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئالىمجان ئەپەندى خىتاينىڭ پارىژدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا ئۇيغۇر، تۈرك ۋە قازاقلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشىنىڭ قاتناشقانلىقىنى بايان قىلدى.

شىۋېتسىيەنىڭ سىتوكھولم شەھىرىدىكى نامايىش مەيدانىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇللا كۆكيار ئەپەندى، بۇ نامايىشنى «شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» بىلەن «مىللىي كۆز قاراش تەشكىلاتىنىڭ» ئورتاق ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ۋە تۈركلەر، شىۋېتسىيەلىكلەر ۋە ئەرەبلەردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئابدۇللا كۆكيار ئەپەندى بۇ يىلقى نامايىشنىڭ بۇرۇنقى نامايىشلارغا ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى توغرىسىدا توختالدى.

2-فېۋرال كۈنى خىتاينىڭ بېلگىيەنىڭ بىريۇسسېل شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن. بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇللام ئەپەندى «ياۋروپا تۈرك مۇسۇلمانلار بىرلىكى» ۋە «مىللىي گۆرۈش»، يەنى «مىللىي كۆز قاراش» تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتكە ئۇيغۇر ۋە تۈركلەردىن بولۇپ 200 كىشى قاتناشقانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ئەلچىلىكىگە خەت سۇنغانلىقىنى بايان قىلدى.

نامايىشچىلار ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە تۈرلۈك تەشۋىقات لوزۇنكىلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ، جاراڭلىق شوئارلار بىلەن خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان غەزەپلىرىنى ئىپادە قىلىش بىلەن بىرگە تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق شۇ دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، بېسىمنى توختىتىشقا چاقىرغان. لوزۇنكىلارغا «ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى توختىتىلسۇن»، «شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم بار» ۋە «شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئەركىنلىك» دېگەندەك شوئارلار يېزىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.