تۈركىيە پارلامېنت ئەزالىرى ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ دەردىنى ئاڭلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2013.04.15
turkiye-parlament-yusuf-besher.jpg تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى يۈسۈپ بەشەر ئەپەندى سۆز قىلماقتا. 2013-يىلى 13-ئاپرېل، گېرمانىيە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيە يېقىنقى يىللاردىن بېرى چەتئەلدە ياشاۋاتقان تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىگىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى. ھەتتا باش مىنىستىرلىق ئىدارىسىگە بىۋاسىتە قاراشلىق چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەت باشقارمىسى نامىدا ئىدارە قۇرۇپ، مەخسۇس بۇ خىزمەتنى قىلماقتا.

4-ئاينىڭ 13-كۈنى تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى يۈسۈپ بەشەر ئەپەندى باشچىلىقىدىكى 20 كىشىلىك ھەيئەت گېرمانىيىنىڭ دۇئىسبۇرگ شەھىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئېنفورماتسيون مەركىزىدە تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن مەخسۇس ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغان. بۇ ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان ئېنفورماتسيون مەركىزى مۇدىرى ئابدۇجېلىل قاراقاش ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىدىن نېمىلەرنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ نۇقتىلىق ھالدا ئىككى مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇلارنىڭ بىرىنچىسى د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈركىيىگە كېلىش مەسىلىسى، ئىككىنچىسى بولسا گۇەنتانامودىن قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېلىنىش مەسىلىسى. بۇ ئۇچرىشىشقا گېرمانىيىدىكى تۈرك ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىدىن باشقا بېلگىيىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتە ئابدۇجېلىل قاراقاش ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى ئاڭلاڭلار.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.