يەكەندە كۆتۈرۈلگەن ئىسياندا ئاز دېگەندە 120 كىشى ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2014.07.29
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
xoten-maniwer-xitay-saqchi.jpg خىتاي قوراللىق كۈچلىرى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مانېۋىرى ئۆتكۈزدى. 2014-يىلى 6-ئىيۇن، خوتەن.
AFP

ئىككى كۈندىن بېرى يەكەندە ئارقا-ئارقىدىن قانلىق توقۇنۇشلار يۈز بەرگەنلىكى ۋە ۋەقەدە كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدە غەيرىي رەسمىي ئۇچۇرلار تارقالماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى يەكەندىكى ۋەقەدە 13 كىشى ئۆلگەنلىكىنى بايان قىلغان بولسىمۇ، ۋەقەنىڭ كۆلىمى ۋە تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈن يەكەن ئىلىشقۇدىكى كەنت مەسئۇللىرى ۋە ئاھالىلەردىن ئىگىلىشىچە، بىر نەچچە گۇرۇپپا كىشىلەر 28-ئىيۇل كۈنى سەھەردە ئىشقۇل يېزىلىق ساقچىخانا ۋە يېزىلىق ھۆكۈمەتكە ھۇجۇم قىلغان. ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ ۋەقەنى بېسىقتۇرغاندىن كېيىن يەنە، بۇ يېزىنىڭ 14-، 15- ۋە 24-كەنتلىرىدىن بىر تۈركۈم كىشىلەر قوزغىلىپ پالتا-كەكە ۋە پىچاقلار بىلەن تەۋەلىكتىكى كەنت ئىشخانىلىرى، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىللىرى ۋە يول ئۈستىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىگە ھۇجۇم قىلغان.

مەلۇم بىر نۆۋەتچى خادىمىنىڭ رادىئومىزغا بايان قىلىشىچە، ۋەقەدە ئاز دېگەندە 120 كىشى ئۆلگەن. ئەمما، ئۆلگۈچىلەرنىڭ قانچە نەپىرىنىڭ ئىسيانچىلار تەرەپتىن، قانچە نەپىرىنىڭ خىتاي تەرەپتىن ئىكەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىزنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن ئىلىشقۇ كەنتىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.