ئابدۇراخمان ھەسەننىڭ شىكايىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇمنىڭ ئىچ يۈزىنى ئاشكارىلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2018-01-22
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر تىجارەتچى ئابدۇراخمان ھەسەن بۇ يىل 68 ياشقا كىرگەن ئانىسى ئامىنە مەمەت بىلەن 22 ياشلىق ئايالى تۇنساگۈل نۇرمەمەتنىڭ «يېپىق تەربىيەلەش» نامدىكى جازا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى، بالىلىرىنىڭ قارانچۇقسىز قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ زۇلۇمغا چىداشقا زادىلا تاقىتى قالمىغانلىقىدىن شىكايەت قىلدى.

ئۇ، ئالدىنقى ھەپتە تۈركىيەدىكى «ئىستىقلال» تور تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا خىتاينىڭ زۇلۇمىغا بولغان غەزەپ-نەپرىتىنى مۇنداق ئىپادە قىلغان: «ئانام بىلەن ئايالىمنى ئېتىپ بېرىڭلار، ئوقنىڭ پۇلىنى مەن تۆلەي ۋە بۇ ئازابلاردىن بىراقلا قۇتۇلاي!. . .»

ئابدۇراخمان ھەسەننىڭ بۇ سۆزلىرى تاراتقۇلارغا چىققاندىن كېيىن فەيسبوك، ۋاتىسئاپ، تىۋېتتىر قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىتىلدى ۋە ئاۋام ئارىسىدا بەس - مۇنازىرە قوزغىدى.

بۇ ھەقتە تۈركىيەنىڭ «يېڭى ئاقىت گېزىتى» نىڭ 18-يانۋار كۈنىدىكى سانىدا، «خىتاينىڭ زۇلۇمىغا چىداشقا تاقەت قالمىدى» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئېلان قىلىندى. مەزكۇر خەۋەردە ئابدۇراخمان ھەسەننىڭ خىتاي دائىرىلىرىگە غەزەپ بىلەن خىتاب قىلىپ، «ئانىسى ۋە ئايالىنى ئېتىۋېتىش» كە چاقىرىق قىلغان سۆزلىرى گېزىتنىڭ باش سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالدى.

«يېڭى ئاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: «تەخمىنەن 250 يىلدىن بۇيان تۈرك مەدەنىيىتى ۋە مۇسۇلمانلىق ئېتىقادىنى قوغداش ئۈچۈن خىتاي ئىشغالىيىتىگە قارشى تۇرۇپ كەلگەن ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخنىڭ ئەڭ قىيىن كۈنلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. 70 يىلدىن بۇيان كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى بېسىملىرىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ غەزەپ سادالىرى پەلەككە يەتتى. ئۇلارنىڭ ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستان يېقىندىن بۇيان پۈتۈنلەي تەقىب ئاستىدىكى ۋەزىيەتتە قالدى.»

خەۋەردە يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى ئەينى زاماندىكى گېتلىرىنىڭ جازا لاگېرلىرىغا ئوخشىتىپ مۇنداق دېيىلگەن: «ھەر بىر ئۇيغۇر ئائىلىدىن بىر-ئىككى كىشى ‹يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى› دېگەن نام بېرىلگەن مېڭە يۇيۇش لاگېرلىرىغا قامىلىپ، ئاتېئىزملىق تەربىيەنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلانماقتىكەن. گېتلىرىنىڭ جازا لاگېرلىرىغا ئوخشايدىغان بۇ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ قويۇلغان كىشىلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بۇ خورلۇق ۋە رۇيازەتلەرگە چىدىغۇچىلىقى قالمىغانلىقى بىلىنمەكتە.»

بىز بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئائىلىسىنىڭ بېشىغا ئېغىر پاجىئەلەر كەلگەن ئابدۇراخمان ھەسەن بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئابدۇراخمان ھەسەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئەسلىدە قەشقەر بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا مېۋە-چېۋە تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر تىجارەتچى ئىكەن. ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن سودىگەرلەرنى قايتۇرۇپ كېتىشكە ھەرىكەت باشلىغاندا ئابدۇراخمان ھەسەن تۈركىيەگە كېلىپ پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇنىڭ قەشقەردىكى پۈتۈن پۇل-ماللىرى مۇسادىرە قىلىنغان، ئانىسى ئامىنە مەمەت بىلەن ئايالى تۇنساگۈل نۇرمەمەت «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» نامدىكى جازا لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلگەن.

ئابدۇراخمان ھەسەننىڭ سۆزلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى. فېيسبۇكتا بىر ئۇيغۇر توركېزەر بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دەپ يازغان: «دۇنيادا ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ مېھرىبان بولغان ئانا ۋە ئەڭ سۆيۈملۈك بولغان ئايالى ئۈچۈن بۇ سۆزنى قىلىش مۇمكىن ئەمەس، يەنى ھېچ كىم ئۇنى خالىمايدۇ. لېكىن خىتاينىڭ زۇلۇمى ۋە بېسىمى چېكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ھېچ قانداق جىنايىتى بولمىغان بىگۇناھ ئانىسى بىلەن ئايالىنى قۇتۇلدۇرۇشقا چارىسىز قالغان قالغان ئابدۇراخمان ھەسەن قېرىندىشىمىز مانا بۇ سۆزلەرنى قىلىشقا جۈرئەت قىلدى ۋە بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق ئانىسى بىلەن ئايالىنى قاماپ قويغان دۈشمەنگە جەڭ ئېلان قىلدى».

ئابدۇراخمان ھەسەن ئەپەندى ئۆزى ۋە ئائىلىسى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئابدۇراخمان ھەسەن ئەپەندى، ئاتا-ئانىسى بىلەن قەشقەر شەھەرلىك چاسا كوچا باشقارمىسى ئۆرۈك بازىرى كومىتېتىدا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئانىسى 30 يىل باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ دەم ئېلىشقا چىققان ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىن ھېچكىم قانۇنغا خىلاپ ھېچ قانداق بىر جىنايەت سادىر قىلمىغان ئىكەن. ئانىسى ئامىنە مەمەت 2013-يىلى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن رۇخسەت ئېلىپ چەتئەلگە چىققان ئىكەن. قولىدا ھازىرمۇ ئۇ رۇخسەت خېتى بار ئىكەن. ئابدۇراخمان ھەسەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئاكىسى ئۆتكەن يىلى تۇتۇلۇپ، 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىكەن. مۇساجان ئىسىملىك ئىنىسى ئۆتكەن يىلى تۇتۇلۇپ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن يەنە تۇتقۇن قىلىنغان ئىكەن. ئۇ ئىنىسىنىڭ قەيەردە قامىلىپ، قانداق بولغانلىقى ھەققىدە ھازىرغىچە ھېچ قانداق خەۋەر ئالالمىغان ئىكەن. ئابدۇراخمان ھەسەن ئايالىنىڭ ئوپالدىكى بىر جازا لاگېرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما ھازىرقى ئەھۋالىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇراخمان ھەسەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، 68 ياشلىق ئانىسى ئامىنە مەھمەت ھازىر قەشقەر شەھەرلىك مەخسۇس كادىرلارنى ئۈچۈن ئېچىلغان ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» نامدىكى جازا لاگېرىدا ھەر كۈنى 12 سائەت قاتتىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ تەلىم ئالماقتىكەن. سەھەر سائەت بەشتىن كەچ سائەت 10 غىچە يەرگە قاراپ ئولتۇرىدىكەن. قاتتىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرالمىغانلار جازاغا ئۇچرايدىكەن. ئابدۇراخمان ئەپەندىنىڭ ئانىسى بىر قېتىم جازاغا ئۇچراپ، بىر كۈن تاماق بېرىلمەي ئاچ قويغان ئىكەن.

ئابدۇراخمان ھەسەن ئوتتۇرا ئاسىيادا مېۋىچىلىك سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ 20 -30 مىليون يۈەن مال-مۈلكى بارلىقىنى بىلدۈردى. ئالدىنقى يىلى باشلانغان قاتتىق تازىلاش ھەرىكىتىدە ئۇ ئۆزىنىڭ بېشىغا بىر ئىش كېلىشتىن ئەندىشە قىلىپ، تۈركىيەگە كېلىپ پاناھلانغان ئىكەن.

ئابدۇراخمان ھەسەن يۇرتىغا قايتسا تۇتۇلۇپ كېتىشتىن ئەنسىرىگەن. قەشقەردىكى ساقچى دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن يەنە ئاكىسى ۋە مۇساجان ئىسىملىك ئىنىسىنى تۇتۇپ تۈرمىگە قامىغان.

ئابدۇراخمان ھەسەن ئانىسى ۋە ئايالىنىڭ تۇتۇپ كېتىلگىنىگە 3 ئاي بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئانىسى قەشقەر شەھىرىدە، ئايالى ئوپال يېزىسىدا ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى جازا لاگېرىغا قامالغان ئىكەن.

ئابدۇراخمان ھەسەن ئانىسىنىڭ ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» دىكى كۈندىلىك قاماق ھاياتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ ئانىسى 2003-يىلى قەشقەر مائارىپ ئىدارىسىدىن رۇخسەت ئېلىپ چەتئەلگە چىققان ئىكەن. ئۇ ئانىسىنىڭ چەتئەلگە چىققانلىقىنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنى تۇتۇشقا باھانە ھېسابلىغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەخمىن قىلدى. ھالبۇكى، ئانىسىنىڭ قولىدا شۇ چاغدا دائىرىلەردىن ئالغان رۇخسەت خېتى بار ئىكەن.

ئابدۇراخمان ھەسەن ئەپەندى ئايالىنىڭ ئوپال يېزىسىدا بىر مال چۈشۈرىدىغان ئامباردا 200 ئەتراپىدىكى كىشىلەر بىلەن بىرگە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى، ئايالىغا قانداق جىنايەت ئارتىلغانلىقىنى تېخىچە بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇراخمان ھەسەن يەنە مۇنداق دېدى: «ئانامدەك 30 يىل گۇڭسەنداڭغا خىزمەت قىلغان بىر كادىرنىڭ بېشىغا بۇنداق ئېغىر كۈن كەلگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئايالىم ۋە باشقا ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ بېشىغا قانداق ئېغىر كۈنلەرنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى ھېچ تەسەۋۋۇر قىلالمىدىم.»

ئابدۇراخمان ئەپەندى ئانىسىنىڭ بەك قىيلىنىپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ كېچىلىرى ئوخلىيالماي بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئىنسانلارنى قيناپ ئۆلتۈرۈش ئىنسانلىققا خىلاپ، ھەتتا ھايۋانات دۇنياسىغىمۇ خىلاپ بىر قىلمىش دەپ قارايمەن. ئانامنى ئۇلار قىيناپ ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلىمەن. مەن قايتىپ بارسام، مېنى ئېتىۋېتىپ ئانامنى قويۇپ بېرىدىغان بولسا، مەن ئەلۋەتتە قايتىپ كېتەتتىم. ئەمما مېنىڭ قايتىشىم بىلەن ئۇلارنى قويۇپ بەرمەيدىغانلىقى ماشا ئايان.»

جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇسالام ئالىم قارىم، ئابدۇراخمان ھەسەننىڭ باياناتى توغرىسىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئۇ قېرىندىشىمىزنىڭ خىتايدىن ئانىسى بىلەن ئايالىنى ئۆلتۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشى ئۇنىڭ ئارزۇ قىلغىنى ئەمەسلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز. ئەمما ئۇ ۋەتىنىمىزدە زۇلۇمنىڭ قانچىلىك ئېغىر دەرىجىدە بولۇۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىنكاسىدۇر. ئۇ قېرىندىشىمىز بۇ زۇلۇم يالغۇز مېنىڭ ئائىلەمگە ئەمەس، پۈتۈن خەلقنىڭ بېشىغا كېلىۋاتىدۇ، ھەممىمىز ئويغىنايلى، زۇلۇمنى يوقىتىش ئۈچۈن بىر ھەل قىلىش چارىسى تاپايلى دېگەننى ئىپادىلەۋاتىدۇ. بۇ، دېمەك زۇلۇمنىڭ نەقەدەر چېكىدىن ئاشقانلىقىنىڭ بىرئىپادىسىدۇر.»

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى، دوكتور ئاتاۋۇللا شەھيارى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، ئابدۇراخمان ھەسەننىڭ سۆزلىرى ئىنسان زۇلۇمغا قارشى غەزەپ-نەپرەتكە تولغاندا ئۆزىنى تۇتۇۋالالماستىن دەيدىغان بىر ئىپادە ئىكەنلىكىنى، ئاڭلارمەنلەرنىڭ بۇنى خاتا چۈشىنىۋالماسلىقنى تەكىتلىدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت