ئىككى بالىنىڭ دادىسى ئابدۇغاپپار ئابدۇجاپپار «تەربىيەلەش لاگېرى» دا ھاياتىدىن ئايرىلغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.04.09
xitay-qoralliq-herbiy-saqchi-aptomobil.jpg كوچىدا پوستا تۇرۇۋاتقان خىتاي قوراللىق ئەسكەرلىرى ۋە ئاپتوموبىللىرى. 2014-يىلى 4-ئاۋغۇست، قەشقەر.
AP Photo/David Wivell

ئاشكارىلىنىشىچە غۇلجا شەھىرىنىڭ بايانداي يېزا ئىككىنچى كەنت ئەزاسى، 34 ياشلىق ئاشپەز ئابدۇغاپپار ئابدۇجاپپار ئۆتكەن يىلى 6‏-ئايدا غۇلجا شەھەرلىك مالىيە مەكتىپىدە تەسىس قىلىنغان «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرى» غا ئېلىپ كېتىلگەن.

ئابدۇغاپپار بۇ يەردە 6 ئايچە قامالغاندىن كېيىن سالامەتلىكىدە مەسىلە كۆرۈلۈپ، غۇلجا شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىلغان ۋە ئۇ يەردە ھاياتىدىن ئايرىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ باياندايدىكى يەرلىك ئاھالىلەردىن «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرى» دا ئۆلگەنلەرنىڭ تۇنجىسى ئەمەس ئىكەن.

ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى رادىيومىزغا ئىنكاس يوللاپ، غۇلجا شەھىرىنىڭ بايانداي يېزىسىدا 60 نەچچە ياشلىق بىر ئايالنىڭ «تەربىيەلەش» تە جان ئۈزگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، نەق شۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ئايدىڭلاشمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭغا ئوخشاش يەنە بىر ۋەقەنىڭ بايانداي ئىككىنچى كەنتتە يۈز بەرگەنلىكى دەلىللەندى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇر 6‏-ئايدا «تەربىيەلەش لاگېرى» غا ئەكېتىلگەن 34 ياشلىق ئابدۇجاپپار ئابدۇغاپپار بۇ يىل كىرىشتىن بىر ھەپتە بۇرۇن، يەنى ئۆتكەن يىلى دېكابىرنىڭ ئاخىرى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

كەنت ۋە مەھەللە مۇدىرلىرى، ئابدۇغاپپار ئابدۇجاپپارنىڭ «تەربىيەلەش» كە ئاپىرىلىشتىن بۇرۇنقى سالامەتلىك ئەھۋالى، ئۇنىڭ «تەربىيەلەش لاگېرى» دىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىشىگە نېمىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.

بۇ پەقەت غۇلجا شەھىرىنىڭ بايانداي يېزا ئىككىنچى كەنتىگە ئائىت مەلۇمات. ئۆتكەن قېتىم يېڭىساردىن ئەھۋال ئىگىلىشىمىز داۋامىدا ساغان يېزىسىدىنلا 3 ئاي ئىچىدە 4 كىشىنىڭ «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرى» دىن جەسىتى چىققانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.