بىر نەپەر «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى» نىڭ كورلادىكى «تەربىيەلەش مەركىزى» دە كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرى (1)
2017.12.21
كورلادا قاماقخانا ۋە تۈرمىلەر لىق، «تەربىيە» گە تىزىملاتقۇچىلار ئۆچىرەتتە
ئۇيغۇر ئېلىدا ئۈچ ئاينىڭ ئالدىدىكى ئەھۋال ئىگىلىشىمىزدە كورلادا جەمئىي 4 ئورۇندا «تەربىيەلەش مەركىزى» بارلىقى، بۇ يەرگە 1500 چە كىشىنىڭ قامالغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. بۇ ھەپتىدىكى ئېنىقلىشىمىزدا 3 ئايدىن بېرى كۈنىگە نەچچە يۈزلەپ كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، يۇقىرىقى 4 مەركەزگە سىغمىغانلارنىڭ تۈرمە ۋە قاماقخانىغا ئاپرىلغانلىقى، نۆۋەتتە تۈرمە ۋە قاماقخانىلار تولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، تۇتقۇن قىلىشنىڭ يەنە داۋاملىشىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.
ئىگىلىنىشىچە، ھەر كۈنى نەچچە يۈز كىشىنىڭ «تەربىيەلەش» كە ئاپىرىلىش ئۈچۈن كورلا شەھەرلىك 1-دوختۇرخانىدا سالامەتلىكى تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى، كورلا يېڭى شەھەر رايوندىكى «تەربىيەلەش مەركىزى» دە 3-دېكابىر كۈنىلا 500 گە يېقىن كىشىنىڭ «تەربىيەلىنىش» كە تىزىملىتىش ئۈچۈن ئۆچىرەتتە تۇرغانلىقى ئاشكارىلاندى.
كورلا ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى كورلادا «تەربىيەلەش» كە ئاپىرىلىۋاتقانلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقى، نۆۋەتتە تۈرمە ۋە قاماقخانىلار تولۇپ كەتكەنلىكىنى، ئەمما تۇتقۇن قىلىشنىڭ يەنە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللەش ئۈچۈن كورلا شەھەرلىك تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىگە تېلېفون قىلدۇق. نۆۋەتچى خادىم، قاماقخانىنىڭ تولۇپ كەتكەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى، ئەمما سورالغان ئۇچۇرلارنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ياتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. كورلادىكى بىر يېزىلىق ئەدلىيە پونكىتى خادىمى كورلادا تۈرمە ۋە قاماقخانىلاردا ئورۇن بولمىغاچقا يېزىدا تۇتۇلغان كىشىلەرنى شەھەرگە يوللىيالمىغانلىقىنى پاش قىلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى ئايلاردىن بېرى كورلادا «تەربىيەلەش» كە ئاپىرىلغانلار ئومۇميۈزلۈك ھالدا سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلگەن. سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتمەي قالغان بىر سابىق كەنت سېكرېتارى، ئۆزىنىڭ ساقچىخانا، دوختۇرخانا ۋە قاماقخانا دەرۋازىسىغا ئاپىرىلىش جەريانى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ يېزىلىق ساقچىخانىدا 3 كۈن تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان. ئۇ دوختۇرخانىدا ئۆزىگە ئوخشاش قىسمەتتە سالامەتلىك تەكشۈرۈۋاتقان نەچچە يۈزلىگەن كىشىنى كۆرگەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاغرىقچان مومايلارنى، بالىلىرى يېتىلىۋالغان 70 ياشلىق بوۋايلارنىمۇ ئۇچراتقان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ سابىق سېكرېتار ئەسلىدە كورلادا تونۇلغان بىر «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى» بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىم ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن «تەربىيەلىنىش» كە مۇۋاپىق كۆرۈلگەنلىكىنى بىلمەيدىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، سېكرېتار بولغان مەزگىلىدە خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئېتىبار باھادا يەر ئايرىپ بەرگەن، ئۇلارنىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان يەرلىرىگە كۆز يۇمغان، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەرنى سېلىش قۇرۇلۇش پىلانىنى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قولىغا تۇتقۇزغان. ئىچكىرىدىن سودا قىلغىلى كەلگەن خىتايلارنى ئۆز ئۆيىدە قوندۇرغان. ئۇ مۇشۇ ھەرىكەتلىرى سەۋەبلىك، بايىنغولىن ئوبلاستى بويىچە 4 نەپەر «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى» نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان، ئىش-ھەرىكەتلىرى كورلادا ئايلاپ-يىللاپ تەشۋىق قىلىنغان. ئەمما بۇ قېتىمقى «تەربىيەلەش» دولقۇنىدا ئۇمۇ «تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ دەرۋازىسىغا قەدەر ئاپىرىلغان. سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتەلمىگەچكە، ئائىلىسىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن.
ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈشنىڭ ئالدىدا تىزىملىتىش ئۈچۈن «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» گە بىر نۆۋەت بارغان. ئۇ «تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ سىرتقى قورۇسىدا كۆرگەنلىرى ھەققىدە مۇنداق مەلۇمات بەردى: «بىرنەچچىمىزنى كەنت ساقچىلىرى ئېلىپ باردى، تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا 1000 كۋادرات مېتىرچە كېلىدىغان بىر زال بار ئىكەن، زالنىڭ ئىچىدە تەربىيەلىنىشكە ئېلىپ كېلىنگەنلەر ئۆچىرەتتە تۇرۇپتۇ، سانى 500 چە كېلىشى مۇمكىن. بۇ 3-دېكابىر كۈنى ئىدى. بىر دوستۇم مېنىڭدىن كېيىن كىرىپ 3 كۈن يېتىپ چىققان، ئۇ تىزىملىتىۋاتقان مەزگىلىدە قاماقخانا باشلىقىنىڭ باۋگاۋجى (دوكلات قىلىش مەخسۇس تېلېفونى) بىلەن ساقچىخانا باشلىقلىرىغا ‹قاماقخانىنىڭ ئەمدى سىغدۇرغۇدەك يېرى قالمىدى، ئەمدى ئەكەلمەڭلار،› دەپ دوكلات قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپتۇ. »
ئىگىلىنىشىچە، تەسىس قىلغان تەربىيەلەش مەركەزلىرى تولۇپ كەتكەندىن كېيىن، يىغىۋېلىنغان كىشىلەرنى قاماقخانا ۋە تۈرمىگىمۇ يوللىغان. نۆۋەتتە كورلادا قاماقخانا، تۈرمە ۋە «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ ئوخشاشلا يېپىق «تەربىيە» ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى، بۇلاردا تۇتقۇنلارنىڭ سانىنىڭ 10 مىڭدىن ئاشقانلىقى ۋە سىغىمچانلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەنە يېڭى ئورۇن ۋە ئەسلىھەلەرنى تەسىس قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.