پارنىكچى ئەلى رەھىمنىڭ بايانلىرى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يەرسىز قېلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارا قىلماقتا

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر پارنىكچى ئەلى رەھىمنىڭ كۆكتات پارنىكلىرى خىتاي يېزا سېكرېتارى تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قىسمەتلىرى ئۇيغۇر دېھقانلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ خەۋپ - يەردىن ئايرىلىش ھادىسىسىنى ئاشكارا قىلماقتا.

ئەلى رەھىمنىڭ بايانلىرى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيە يېڭىئېرىق يېزىسىنىڭ ھەرقايسى كەنتلىرىدە كۆرۈلۈۋاتقان مۇنداق بىرقانچە ئەھۋالدىن بېشارەت بەرمەكتە:

يېزا سېكرېتارلىرى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا يەرلىشىشتىكى ئاساسىي قاتلام تايانچى بولۇپ قالغان

ئۇيغۇر پارنىكچى ئەلى رەھىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2011-يىلى يۈ فامىلىلىك خىتاي كادىر قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسىغا سېكرېتار بولۇپ، ئۈچ ئاي ئۆتمەيلا ئەلى رەھىم ۋە باشقا 911 ئائىلە ئۇيغۇر دېھقاننىڭ كۆكتات پارنىكلىرىنى تارتىۋالىدۇ.

ئۇ ئەلى رەھىمنىڭ كۆكتات پارنىكىنى دەسلەپتە ئۆزىنىڭ بىر يۇرتلۇق ئادىمى بولغان بىر خىتاي ئايالغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. بۇ ئايال پارنىكتا گۈل ئۆستۈرۈپ بېقىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆز يۇرتىغا قېچىپ كېتىدۇ. يېزا سېكرېتارى يۈ بۇ پارنىكلارنى ئىككىنچى قېتىم يەنە بىر ئائىلە خىتاي كۆچمەنگە بېرىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇمۇ قېچىپ كېتىدۇ. ئۈچىنچى قېتىم بۇ پارنىكلار بىر جۈپ ئەر-ئايال خىتايغا بېرىلىدۇ. يېزىلىق ھۆكۈمەت پۇل چىقىرىپ ئۇلارغا قۇدۇق قېزىپ بېرىدۇ ھەمدە پارنىكلار ئۈچۈن تولۇقلىما ياردەم پۇلى بېرىدۇ. خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارىتىلغان بۇ خىل ئېتىبار سىياسەتلەردىن ھېچبىر يەرلىك ئۇيغۇر دېھقان بەھرىمەن بولالمايدۇ.

يېزىلىق ھۆكۈمەتتىكى ئۇيغۇر رەھبەرلەر قورچاققا ئايلاندۇرۇلغان

ئېلى رەھىمنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي سېكرېتار يۈ يېڭىئېرىق يېزىسىنىڭ ئۇيغۇر يېزا باشلىقى ۋە ئۇيغۇر مۇئاۋىن سېكرېتارىنىڭ كۆز ئالدىدا ئەلى رەھىمنىڭ پارنىكلىرىنى تارتىۋالغان.

ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنىڭغا بىر ئېغىز گەپ قىلالمىغان. ئېلى رەھىم يېزىلىق پارتكومنىڭ ئۇيغۇر مۇئاۋىن سېكرېتارغا يىللارچە دەرد ئېيتقان. ئۇ: «ھېچ بولمىغاندا 9 پارنىكىمدىن بىرىنى بولسىمۇ قايتۇرۇپ بەرسە، مەن رازى ئىدىم!» دېگىنىدە ئۇيغۇر مۇئاۋىن سېكرېتار مۇنداق دېگەن: «مەن يۈ شۇجىنىڭ كەيپىياتى ياخشى چاغدا ئۇنىڭغا دەپ باقاي». ھالبۇكى، ئارىدىن بىرقانچە يىللار ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن يېزىلىق پارتكومنىڭ ئۇيغۇر مۇئاۋىن سېكرېتارى يېزىنىڭ خىتاي سېكرېتارغا بۇ گەپنى دېيىشكە جۈرئەت قىلالمىغان.

ئەلى رەھىم مەيلى يېزا باشلىقى بولسۇن ياكى يېزىلىق پارتكوم ۋە يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى بولسۇن، ئۇيغۇر رەھبەرلەرنىڭ ھېچقايسىسى خىتاي سېكرېتار يۈنىڭ تەستىقىسىز ئىش قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يېزا-كەنتلەردىكى مول-ھوسۇللۇق يەرلەر خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈشكە باشلىغان

پارنىكچى ئەلى رەھىمنىڭ بايانلىرى يېڭىئېرىق يېزىسى تەۋەسىدىكى تۇپرىقى مۇنبەت، سۈيى ئەلۋەك، مول-ھوسۇلى يۇقىرى تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ئاستا-ئاستا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىدىن بېشارەت بەردى.

ئۇ ئۆزى بىلەن قوشۇلۇپ 12 ئائىلىلىك ئۇيغۇر دېھقان جان بېقىۋاتقان كۆكتات پارنىكلىرىنىڭ يېزا سېكرېتارىنىڭ بىرلا بۇيرۇقى بىلەن بىر ئائىلە خىتاي كۆچمەنگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.