كۈنەس ناھىيەسىدىكى خىتاي ساقچىلىرى يەر دەۋاگىرى قاسىمجان ئاۋۇتنى قاتتىق ئۇرغان

0:00 / 0:00

كۈنەس ناھىيەسىنىڭ توقاي يېزىسىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئاتا-بوۋىلىرىدىن تارتىپ تېرىپ كەلگەن يەرلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى چەككىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. ھالبۇكى، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ ساقچىلارنى ئىشقا سېلىپ زورلۇق كۈچ ئىشلىتىشى نەتىجىسىدە قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى يوق يەرلىك دېھقانلار يەردىن ئىبارەت «ئالتۇن قوزۇق» ئىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قاسىمجان ئاۋۇت مەزكۇر كەنتتىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ بىرى. ئۇ ئاكىسى ھاشىمجان ئاۋۇت بىلەن بىرلىكتە تېرىلغۇ يەرلىرىنى ساقلاپ قېلىش، پەقەت بولمىغاندا يېتەرلىك تۆلەمگە ئېرىشىش ئۈچۈن بار ئىمكانىيىتى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. ۋەھالەنكى، ئۇلارنىڭ ئاخىرقى تىرىشچانلىقى كەنتتىكى 17 نەپەر دېھقاننىڭ كوللېكتىپ تۇتقۇن قىلىنىپ 15 كۈندىن سولاقتا يېتىشى بىلەن جاۋابلانغان.

تېخى يېقىندىلا سولاقتىن چىققان قاسىمجان ئاۋۇت ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئېچىنىشلىق قىسمەتلەرنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلارغا مۇنداق بايان قىلدى:
«يەرلىرىمىزنى مەجبۇرىي تۈردە تارتىپ ئالغاندىن كېيىن، ئاكام باشلىق دېھقانلار ئەرز قىلىپ بارمىغان يېرى قالمىدى. ئەمما قىلغان ئەرز-شىكايەتلەرنىڭ ھېچ بىر نەتىجىسى بولمىدى. مەن ھېچ بولمىسا يەرلىرىمىزدىكى چوڭ بولۇپ قالغان كۆچەتلەرنى بولسىمۇ كېسىۋالاي دەپ ئېتىزغا چىققان ئىدىم. بۇ ۋەقە بۇ يىل 4-ئاينىڭ 6-كۈنى بولغان ئىش. شۇ كۈنى ناھىيەلىك سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى شۈ ۋېيچاڭ ساقچىلارنى ئىشقا سېلىپ ئاكام باشلىق بىرمۇنچە دېھقانلارنى تۇتۇپ كېتىپتۇ. مەن ئېتىزدا بولغاچقا بىلمەي قاپتىمەن. بىر چاغدا شۈ ۋېيچاڭ ساقچىلارنى باشلاپ كېلىپ، ‹ئاۋۇنى تۇتۇڭلار، دېھقانلارنى باشلاپ ئىش تېرىۋاتقانلارنىڭ بىر بېشى شۇ!› دەپ ۋارقىرىدى. ساقچىلار ئېتىلىپ كېلىپ ئىككى قولۇمنى ئارقامغا قايرىغىنىچە بېشىمغا يەتكۈزەي دېدى، ئاندىن دۈمبەمدىن تەپتى. مەن ‹ھەرقانچە بولسىمۇ ئادەم ئۇرماڭلار› دېسەم، مېنىڭ گېپىمگە پىسەنتمۇ قىلماي سۆرەپ ئېلىپ ماڭدى.»

قاسىمجان يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
«ساقچىلار شۈ ۋېيچاڭنىڭ بۇيرۇقى بىلەن مېنى بىر ئىدارىنىڭ ئىچىدىكى خالىي بىر جايغا سۆرەپ ئېلىپ كىردى. شۈ ۋېيچاڭ بۇيرۇق بېرىپ ئۇيغۇر ۋە قازاق ساقچىلارنى بۇ يەردىن چىقىرىۋەتتى. ئاندىن ئىككى نەپەر خەنزۇ ساقچىنى ئېلىپ كىرىپ مېنى دۇمبالاشقا باشلىدى. ساقچىلارنىڭ ئايىقىنىڭ ئۇچىدا ئۇچلۇق تۆمۈر ناھال بولىدىكەن، ئاشۇ ناھاللىق ئاياغلىرى بىلەن بېشىمغا قاتتىق تەپكەن ئىدى، شۇئان بېشىمنىڭ چېكى ئاجراپ يۈز-كۆزۈم قانغا بويالدى. مەن بېشىمنى ئىككى قولۇم بىلەن توسۇشقا تىرىشتىم. ئۇلار قولۇمنى ناھاللىق ئاياق بىلەن دەسسىدى، ئاندىن تولا تېپىپ بىر پۇتۇمنىڭ بۇلجۇڭ گۆشىنى ئاجرىتىۋەتتى. ئۇلار بىر قېتىم ئۇرۇپ ھارغاندىن كېيىن شۈ ۋېيچاڭ ماڭا قاراپ، ‹ساقچى ئادەم ئۇردىمۇ؟› دەپ سورىدى. مەن ‹ئۇردى› دېيىشىمگە، ئۇلار ئىككىنچى قېتىم يوپۇرۇلۇپ كېلىپ قايتا دۇمبالىدى. ئاندىن يەنە ‹ساقچى ئادەم ئۇردىمۇ؟› دەپ قايتىلاپ سورىدى. مەن ‹مانا ئۇرۇۋاتىسىلەرغۇ!؟› دېسەم، ئۇلار يەنە بىر قېتىم ئۇردى. مەن تاياق زەربىسىدىن ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن دەپ ئۈچىنچى قېتىم سورىغاندا، ‹ياق، ساقچى ئۇرمىدى!› دېدىم. شۇ چاغدىلا شۈ ۋېيچاڭ ئۇرۇشتىن توختاپ، ‹مانا، بۇ گېپىڭ بولىدۇ، بىراۋ سورىسا مۇشۇ گەپنى دەيسەن، بولمىسا كۆرگۈلۈكۈڭ بار!› دەپ مېنى سولاقخانىغا ئاپىرىپ تاشلاشتى.»

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى:
«سولاقخانىدا پۈتۈن بەدەنلىرىم ئېشىپ، كۆكىرىپ ئورنۇمدىن تۇرالماي قالدىم. ئاخىرى ساقچىلار مېنى دوختۇرخانىغا داۋالاتقىلى ئېلىپ باردى. پۇتۇمنىڭ بۇلجۇڭ گۆشى ئاجراپ كەتكەچكە دوختۇر ئۇ يەرنى تاڭدى. مەن بېشىمنىڭ زىڭىلداپ ئاغرىۋاتقانلىقىنى، بۇرۇن سۆڭىكىمنىڭ سۇنۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ دوختۇرنىڭ تەكشۈرۈپ بېقىشىنى تەلەپ قىلدىم. ئەمما ساقچىلار «بىزگە پەقەتلا پۇتۇڭنى تاڭدۇرۇش ھەققىدە بۇيرۇق بار، قالغان يېرىڭ بىلەن بىزنىڭ كارىمىز يوق » دەپ مېنى دوختۇرخانىدىن مەجبۇرىي سولاقخانىغا قايتۇرۇپ كەلدى. 15 كۈن ئىچىدە بەدەنلىرىمنىڭ ئىشىقى يېنىپ بولالمىدى. بېشىمنىڭ زىڭىلداپ ئاغرىشىمۇ توختىمىدى. مانا سولاقخانىدىن بوشىنىپ چىققاندىن كېيىن ئاندىن بېشىمنى تېۋىپقا تاڭدۇردۇم، لېكىن ئاغرىقى تېخىچە توختىمىدى.»

قاسىمجان ئاخىرىدا يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:
«توقاي كەنتىدە نۇرغۇن كىشىلەر شۈ ۋېيچاڭنىڭ بۇيرۇقى بىلەن تاياققا تۇتۇلدى. تاياق يېگۈچىلەر ئىچىدە ئاياللار ھەتتا 70 ياشقا بېرىپ قالغان مومايلارمۇ بار. رىزۋانگۈل ئىسىملىك بىر ئايالنى ئۇرۇپ قولىنى سۇندۇرۇۋەتتى. بىز بۇ دەردىمىزنى كىمگە دەيمىز؟ ئەرز قىلايلى دېسەك، كۈنەستىكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسى شۈ ۋېيچاڭنىڭ ئېغىزىغا قارايدىغانلار تۇرسا!؟ مەن 4-ئاينىڭ 22-كۈنى ئاكام ۋە باشقا 16 نەپەر دېھقان بىلەن بىللە سولاقتىن بوشىنىپ چىقتىم. ھازىرغىچە بېشىمنىڭ ئاغرىقى ساقايغىنى يوق.»

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.