يىلقىچىدىكى قانلىق باستۇرۇشتا 22 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە 4 كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقى ئايدىڭلاشتى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013.08.27
qaghiliq-pidaiylar-hujum-305.jpg خەرىتىدە «28‏-فېۋرال ۋەقەسى» يۈز بەرگەن قاغىلىقنىڭ ئورنى كۆرسىتىلگەن. 2012-يىلى 28-مارت
AFP

قاغىلىقنىڭ يىلقىچى يېزىسىدا يۈز بەرگەن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى تېررورلۇق گۇمانى بىلەن ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىدە گۇماندارلاردىن 22 نەپىرىنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە 4 نەپىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئايدىڭلاشتى. بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىزغا مەلۇمات بەرگەن يىلقىچى يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ ياردەمچى ساقچىسى ئاڭلىغىنىغا ئاساسەن گۇماندارلاردىن 15 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى پاش قىلغان ئىدى.

بۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونىغا جاۋاب بەرگەن يېزىلىق ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرى ماھمۇتخان قارىم دىنىي زاتلارغا ئېچىلغان يىغىندىن ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن، ۋەقەدە گۇماندارلاردىن 22 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە جەسەتلەرنىڭ قارا تاغارغا قاچىلىنىپ نامەلۇم بىر جايغا يۆتكەپ كېتىلگەنلىكىنى پاش قىلدى. يەنە مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر سايلىققا ئورۇنلاشقان گۇماندارلار يەرلىك ئامما تەرىپىدىن پاش قىلىنغان بولماستىن، بەلكى خىتاي تەرەپ تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن كۆزىتىش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق بايقاپ قالغان. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇردىن بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئاڭلايسىلەر:

سوئال: سىز يىلقچى 9 - كەنتنىڭ ئىمامى ماھمۇتخان قارىم بولامسىز؟

جاۋاب: شۇنداق، مەن شۇ.

سوئال: ھازىر مەسچىتلەردە نېمىلەر ھەققىدە سۆزلەۋاتىسىز؟

جاۋاب: شۇ مۇقىملىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دېگەندەك.

سوئال: بۇ مۇشۇ قېتىم ۋەقە چىققاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەشۋىقاتلارمۇ؟

جاۋاب: شۇنداق. بىزگە ئاممىنى پارتىيىنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ قەدرىگە يېتىشكە يېتەكلەڭلار دەپ يىغىن ئاچتى، شۇ بويىچە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتىمىز.

سوئال: يىغىندا ۋەقە ھەققىدە نېمىلەر دېيىلدى؟

جاۋاب: 22سى ئېتىۋېتىلدى، 4 تۇتۇلدى دەپ شۇنداقلا ئۇقتۇردى، تەپسىلاتىنى بەك سۆزلەپ كەتمىدى.

سوئال: بۇ ساننى قايسى باشلىق دېدى؟

جاۋاب: دىنىي ئىشلارغا مەسئۇل يېزا باشلىقى ئالىم ھامىدىن دېدى.

سوئال: جەسەتلەر قانداق بىر تەرەپ قىلىنپتۇ؟

جاۋاب: 22 جەسەتنى قارا تاغارغا سولاپ ئەكىتىپتۇ، نەگە ئەكەتكىنىنى يېزا باشلىقلىرىمۇ بىلمەيدىكەن.

سوئال: ۋەقە يۈز بەرگەن قانداق بىر ئورۇن؟

جاۋاب: پوسكام بىلەن قاغىلىقنىڭ ئارىسىدىكى بىر سايلىق. شۇ سايلىقنىڭ بويىدىكى بىر ئۆيدە يۈز بېرىپتۇ.

سوئال: ۋەقەنى ساقچىلار قانداق بايقاپ قاپتۇ، ئامما پاش قىلغان ئەھۋال بارمىكەن؟

جاۋاب: ۋەقەنىڭ ئالدىدا بىر ھەپتىدەك بولغان بىر ئايروپىلان بەكرەك ئۇچۇپ يۇرگەن، بەزىدە پەس، بەزىدە ئېگىز. يىغىندا دېيىلىشىچە، شۇ ئايروپىلان كۆزىتىش ئارقىلىق بايقاپ قاپتۇ. ئاندىن ئەھۋال ۋىلايەت، ئاپتونوم رايونلارغا مەلۇم قىلىنىپ، بۇيرۇق بويىچە بۇ ئىش بوپتۇ.

سوئال: بۇندىن ئاۋۋالمۇ مۇشۇنداق ئايروپىلان كۆزىتىدىغان ئىشلار بولغانمۇ؟

جاۋاب: ياق.

سوئال: ۋەقەدە ئۆلگەنلەر كىملەر ئىكەن؟

جاۋاب: 4 نەپىرى بىزنىڭ يېزىدىن ئىكەن. شاخاپ يېزىسىدىن كۆپرەككەن دەپ ئاڭلىدۇق.

سوئال: مەمەت ئەمەي دېگەن بىرسىنىڭ ئىنىسىنىڭ بۇ ۋەقەگە چېتىلغانلىقى ھەققىدە گەپ بار....

جاۋاب: شۇنداق، نۇراھمەت ئەمەي. ئۇ شۇ يەردىن يەر ھۆددە ئالغان. شۇنىڭ ئۆيىدە بالىلار توپلىنىپ بىر ئىشلارنى قىلىۋاتقان ئىكەن.

سوئال: ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن سىلەرگە قانداق تاپشۇرۇق بېرىلدى؟

جاۋاب: ئاممىنى تەربىيىلەش، يوچۇن ئادەملەرنى كۆزىتىپ مەلۇم قىلىش قاتارلىق ئىشلار تاپشۇرۇلدى.

سوئال: سىزنىڭ ئىماملىقتىن باشقا ۋەزىپىڭىزمۇ بارمۇ؟

جاۋاب: 2001 - يىلدىن باشلاپ يېزىلىق ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىمەن. 3 قېتىم ناھىيە تەرىپىدىن بەشتە ياخشى ئىمام بولۇپ تەقدىرلەندىم.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا يىلقىچىدا يۇز بەرگەن قانلىق ۋەقە ھەققىدە تولۇقلىما مەلۇماتلار ئاڭلاتتۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.