ئارزۇ نۇرمەمەت ساقچىلارنىڭ كۇچادا يوپكا كېسىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى، ساقچىلار ئىنكار قىلدى

0:00 / 0:00

دىنىي ۋە مىللىي چەكلىمىلەر سەۋەبىدىن يۇرتى كۇچادىن ئايرىلغان، نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئارزۇ نۇرمەمەت كۇچادا تىزدىن ئاشۇرۇپ يوپكا كېيىشنىڭ چەكلەنگەنلىكى، كەيگەنلەر ئۇچرىسا ساقچىلارنىڭ قايچا بىلەن يوپكىنىڭ ئۇزۇن قىسمىنى كېسىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ قايچا تۇتقان ساقچىلارنىڭ ئاۋارىچىلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بىر مەزگىل كەڭ پۇشقاقلىق شىم كىيىپ يۈرگەن، شۇنىڭدىمۇ بىر قېتىم ساقچىلار ئالدىنى توسۇپ، ئاۋارچىلىققا ئۇچرىغان. بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىزنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن كۇچا ساقچىلىرى، كۇچادا ئۇزۇن يوپكا كىيىشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى ۋە نۆۋەتتە كۇچادا ئۇزۇن يوپكىلىقلارنىڭ قالمىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى، ئەمما ساقچىلارنىڭ يوپكا كەسكەنلىكىنى ئىنكار قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان مەلۇماتىنى ئاڭلايسىلەر.