تىجارەتچى ئابدۇۋارىس ئابلىمىت: «ناخشىچى ئىنىم زاھىرشاھ ئابلىمىت بىلەن ئاتا-ئانام ئاتۇشتىكى لاگېردا»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.12.10
Abduwaris-Ablimit-Zahirshah-Ablimit.jpg تىجارەتچى ئابدۇۋارىس ئابلىمىت (سولدا) ۋە ئۇنىڭ لاگېرغا تاشلانغان ناخشىچى ئىنىسى زاھىرشاھ ئابلىمىت (ئوڭدا).
Social Media


2005‏-يىلىدىن ئېتىبارەن ھىجرەت ھاياتى باشلانغان، قىرغىزىستاندا 10 يىل، تۈركىيەدە ئىككى يىل رېستوران ئاچقان ۋە نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان تىجارەتچى ئابدۇۋارىس ئابلىمىت ئۆزىنىڭ ناخشىچى ئىنىسى زاھىرشاھ ئابلىمىت بىلەن دادىسى ئابلىمىت ۋە ئاپىسى بۇخەلچەمنىڭ بىر يىلدىن بېرى ئاتۇشتىكى يىغىۋېلىش لاگېرىدا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئاتۇشتىكى ساقچى خادىملىرى زاھىر شاھ ئابلىمىتنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇردى.

تور ئارخىپلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ناخشىچى زاھىرشاھ ئابلىمىت 2006‏-يىللاردىن باشلاپ «گۈلى رەنا»، «ئانا»، «جانانغا سۆز» قاتارلىق خەلق ناخشىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنداپ، خەلق ئارىسىدا داڭ چىقارغان. ئۇ 2015‏-يىللىق «يىپەك يولى ساداسى» ناخشا مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

بۇ يىل بىرىنچى ئايدىن باشلاپ سەھنىدىن غايىب بولغان زاھىرشاھ ئابلىمىت ھەققىدە ئۇنىڭ ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئاكىسى ئابدۇۋارىس ئابلىمىت مۇنداق دەيدۇ: «ئىنىم، دادام ۋە ئاپام ئۈچەيلەن 2015‏-يىلى تۈركىيەگە ساياھەتكە كەلگەن ئىدى. ئىنىم ۋەتەندە ئالدىن پىلانلانغان سەنئەت پائالىيەتلىرى سەۋەبلىك تۈركىيەدە بەش كۈنلا تۇرغاندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتتى. ئاپام بىلەن دادام 4 ئايدىن كېيىن قايتتى. بۇلتۇر يىل بېشىدىن باشلاپ، ئۇلار بىلەن ئالاقەم پۈتۈنلەي ئۈزۈلدى. بۇ يىل بىرىنچى ئايدا ئىنىم ۋە ئاتا-ئانامنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇم، ئەمما ھەر ئۈچىلىسى سىياسىي پائالىيەتلەردىن ئۇزاق بولغىنى ئۈچۈن ئاز مەزگىلدىن كېيىن قويۇۋېتىلىدۇ دەپ ئويلىدىم، ئەمما بىر ئاينىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ تېخىچە لاگېردا ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتىم. . .»

بىز زاھىرشاھ ئابلىمىت ۋە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئاتۇشتىكى ئالاقىدار ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچى خادىملىرىنىڭ بەزلىرى زاھىرشاھ ئابلىمىتنى تونۇمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. بەزى خادىملار زاھىرشاھ ئابلىمىتنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىزلىكىنى، يەنە بەزىلەر بولسا ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. زاھىرشاھ ئابلىمىتنىڭ نوپۇسى تۇرۇشلۇق سۈنتاغ يېزىلىق ساقچىخانا خادىمى زاھىرشاھ ئابلىمىتنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى جەمئىيەتتىن ئاڭلىغانلىقىنى، ئەمما بۇ ھەقتە رەسمىي ئىدارە-ئورگانلار تەرىپىدىن مەلۇمات بېرىلمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئابدۇۋارىس ئابلىمىت ئىنىسى زاھىرشاھ ئابلىمىت ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا ئۇلارنىڭ تۈركىيە سەپىرىنىڭ باھانە قىلىنغانلىق ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئابدۇۋارىس ئىنىسى ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىنى دۇنياغا بىلدۈرۈش ۋە بۇ ئارقىلىق يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ ۋەزىيىتىنى دۇنياغا ئاشكارىلاش ئۈچۈن ئائىلە بويىچە ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى، يەنى قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان ئايالىنىڭ قىرغىزىستاندا، ئۆزىنىڭ بولسا ئامېرىكىدا ھەرىكەت باشلىغانلىقىنى ۋە بۇ يولدىن چېكىنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.