گوللاندىيەدىكى پائالىيەتچى زەينىدىن تۇرسۇن: ۋەتەن دەۋاسى مىنىڭ ئىبادىتىم

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2016.02.04
ghulja-weqesi-Gul-Lewhesi-zeynidin-tursun-1.jpg

ئۇيغۇر پائالىيەتچى زەينىدىن تۇرسۇن ئۆز سەرمايىسى بىلەن «تىزما گۈل لەۋھەسى» ياساپ «5‏-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نى ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا ياد ئەتمەكتە. 2016-يىلى فېۋرال، گوللاندىيە. RFA/Pida’iy

ghulja-weqesi-Gul-Lewhesi-zeynidin-tursun-2.jpg

ئۇيغۇر پائالىيەتچى زەينىدىن تۇرسۇن ئۆز سەرمايىسى بىلەن «تىزما گۈل لەۋھەسى» ياساپ «5‏-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نى ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا ياد ئەتمەكتە. 2016-يىلى فېۋرال، گوللاندىيە. RFA/Pida’iy

ghulja-weqesi-Gul-Lewhesi-zeynidin-tursun-3.jpg

ئۇيغۇر پائالىيەتچى زەينىدىن تۇرسۇن ئۆز سەرمايىسى بىلەن «تىزما گۈل لەۋھەسى» ياساپ «5‏-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نى ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا ياد ئەتمەكتە. 2016-يىلى فېۋرال، گوللاندىيە. RFA/Pida’iy

ghulja-weqesi-Gul-Lewhesi-zeynidin-tursun-4.jpg

ئۇيغۇر پائالىيەتچى زەينىدىن تۇرسۇن ئۆز سەرمايىسى بىلەن «تىزما گۈل لەۋھەسى» ياساپ «5‏-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نى ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا ياد ئەتمەكتە. 2016-يىلى فېۋرال، گوللاندىيە. RFA/Pida’iy

ھەر يىلى «5‏-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى»، «بارىن ئىنقىلابى» ۋە «5‏-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» خاتىرىلىنىش ھارپىسىدا، گوللاندىيەدە ئۇ ئۆز سەرمايىسى بىلەن يۈزلەرچە گۈللەردىن «تىزما گۈل لەۋھەسى» ياساپ چىقىپ، مەزكۇر ۋەقەلەرنى ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا ياد ئېتىدىغان بىر كىشى بار. كىشىلەر ئۇنى «زەينىدىن ئەپەندى» دەيدۇ.

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ سەنئەت بىلەن سىياسەت سەھنىسىدە ئاكتىپ رول ئېلىپ كېلىۋاتقان ئوبرازىنى ھەر دائىم زوقلىنىش ئىچىدە تىلغا ئالماي قالمايدۇ ۋە ئۇنىڭ «تىزما گۈل لەۋھەسى» ياساش ئارقىلىق، مۇئەييەن بىر سىياسىي مەقسەتنى دىلىغا پۈككەنلىكىدىن شەكلەنمەيدۇ. بىز زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ بۇ پائالىيىتى ھەققىدىكى ھېس-تۇيغۇلىرىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە ئۇنى ئالاھىدە زىيارەت قىلدۇق.

زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى بىر قانچە يىلدىن بېرى ئالاھىدە بىر ئۇسلۇب بىلەن گۈل دەستىلەرنى تېزىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ئۇنتۇلماس كۈنلەرنى خاتىرىلەشتىكى مەقسەت مۇددىئالىرىنى يىغىنچاقلاپ: «شۇ ۋەقەلەردە شېھىت بولغانلارنى ياد ئېتىش ۋە كۆرۈنۈشلەرنى فەيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە ھەمبەھىرلەپ ۋەتەن-مىللەتنىڭ ئەھۋالىنى سىرتقى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئارقىلىق، باشقا مۇھاجىر قېرىنداشلىرىمغىمۇ ئىلھام بېرىش» دېدى.

بىز گۈللەردىن ھاسىل قىلىنىدىغان بۇ لەۋھەنى «تىزما گۈل لەۋھەسى» دەپ ئاتاشنى مۇۋاپىق كۆردۇق ۋە ئۇنىڭ بۇ ئۇسلۇبنى قانداق ياسىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئۆزىنىڭ گوللاندىيەگە كېلىپ تۇنجى باشلىغان پائالىيىتىنىڭمۇ گۈل بىلەن باشلانغانلىقىنى، گۈل ئارقىلىق سىياسىي مەقسەتلەرنىڭ سەنئەت يولى بىلەن ئىپادىلىنىشىنىڭ قىممىتى يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى بۇ گۈللەرنىڭ تەبىئىي گۈل ئىكەنلىكى، ھەر بىر «تىزما گۈل لەۋھەسى» ياساپ چىقىش ئۈچۈن قانچىلىك گۈل، قانچىلىك ۋاقىت ۋە زېھىن سەرپ بولىدىغانلىقى ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆتتى ۋە بۇ ئۇسلۇبىنى گوللاندىيە، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا پارلامېنتلىرىنىڭ دىققىتىنى چەككىچە تەرەققىي قىلدۇرۇش نىيىتى بارلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ ئۆزىنىڭ شۇ قەدەر چىقىم ۋە زېھىن بىلەن ھەرىكەت قىلدۇرغان نەرسىنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسى ئىكەنلىكىنى، خەلق سۆيگۈسى ئىكەنلىكىنى، بىلدۈرۈپ كېلىپ: «ۋەتەن دەۋاسى مىنىڭ ئىبادىتىم» دېدى.

گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن ئابدۇسالام نىياز ئەپەندى، زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ «تىزما گۈل لەۋھەسى» ياساپ مۇھىم كۈنلەرنى خاتىرىلەشتەك ئىرادىسىنىڭ قەدىرلىنىشكە تېگىشلىك بىر روھ دەپ قارايدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ مۇئەييەن جەھەتتە پايدىسى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

زەينىدىن ئەپەندىم بۇ قېتىم يەنە بىر تىزما گۈل لەۋھەسى ياساپ 5‏-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلىنىشىدىكى تۈپ مەقسەت ھەققىدە توختىلىپ، «ۋەتەن-خەلقىنىڭ ئەھۋالىغا ئېچىنىش بىلەن بىرگە، بارلىق ۋەتەنداشلىرىنىڭ دەۋا يولىدىن ۋاز كەچمەسلىككە چاقىرىشنى مەقسەت قىلغانلىقى» نى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ھازىرغا قەدەر خاتىرىلەۋاتقان بارىن، غۇلجا ۋە ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقلىرىنى ماھىيەتتە تۈپتىن ئوخشاش بىر ۋەقە دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ئىمكانى يار بەرسە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ھەر بىر مۇھىم ۋەقەلەرنى مۇشۇ خىل ئۇسلۇب بىلەن خاتىرىلەپ تېخىمۇ كۆپ ئىنسانلارنى جەلپ قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر دىنىي زىيالىي ھۈسەيىن تەجەللى ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئويلىغان ۋە ھېس قىلغانلىرىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلىشىپ، ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆز مەۋقەسىنى ھەرقانداق ئۇسلۇبتا ئىپادىلەپ تۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.