زۇلپىقار ئۆزباشنىڭ تۇتۇلغانلىقى دەلىللەندى، غەيرەتجان ئوسماننىڭ تۇتۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.09.17
Zulpiqar-Barat-Ozbash-we-Gheyretjan-Osman.jpg زۇلپىقار بارات ئۆزباش (سولدا) ۋە غەيرەتجان ئوسمان (ئوڭدا).
Social Media

مۇخبىرىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇنىۋېرسال تۈزەش قوماندانلىق مەركىزىدىن ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تونۇلغان تەتقىقاتچىلىرىدىن زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى دەلىللەندى. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى غەيرەتجان ئوسماننىڭ 2008‏-يىلى تۈركىيەدە ئېچىلغان بىر خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلار ئارىسىدا يېقىنقى يىللاردا «تەڭرىتاغ ئالىمى» دېگەن نامدىكى مۇتەخەسسىسلەرنى جەلپ قىلىش تۈرى بويىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىغا تەكلىپ قىلىنغان تەتقىقاتچى زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭمۇ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

‏شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇنىۋېرسال تۈزەش قوماندانلىق مەركىزىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارىتىمىز داۋامىدا زۇلپىقار بارات ھەققىدىمۇ مەلۇمات سورىدۇق. ئالاقىدار خادىم ئۇ ھەقتە مائارىپ نازارىتىدىن مەلۇمات سورىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. بىز ئۇنىڭدىن زۇلپىقار باراتنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە كىملەردىن ئۇچۇر ئالالايدىغانلىقىمىزنى سورىغىنىمىزدا بۇنىڭ ھەممە كىشى بىلىدىغان بىر ئۇچۇر ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى قۇتلۇق ئالماس شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن تۇتۇلغانلار ئارىسىدا ئۆزىنىڭ سابىق خىزمەتداشلىرىدىن پروفېسسور ئازاد سۇلتان ۋە غەيرەتجان ئوسمانلارنىڭمۇ بارلىقىنى بارلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى. بىز شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇنىۋېرسال تۈزەش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ خادىمىدىن بۇ ئىككىيلەن ھەققىدىمۇ مەلۇمات سورىدۇق. مەزكۇر خادىم بۇلارنىڭ تۇتۇلغانلىقىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە زۇلپىقار باراتنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا «تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ يوقلۇقىنى بايان قىلغان بۇ خادىم ئۇنىۋېرسىتېتتىن «تەربىيەلەش» كە ئەكېتىلگەنلەر ھەققىدە يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەردىن مەلۇمات سورىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.

بۈگۈن رادىيومىزغا كەلگەن يەنە بىر ئىنكاستا ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى غەيرەتجان ئوسماننىڭ چەتئەلگە چىققانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. رادىيومىزنىڭ خەۋەر ئارخىپلىرىدىن ئۇنىڭ 2008‏-يىلى تۈركىيەنىڭ بۇرسا شەھىرىدە ئېچىلغان خەلقئارالىق تۈركىي تىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقانلىقى ئايدىڭلاشتى. ئامېرىكىدىكى پائالىيەتچى قۇتلۇق ئالماس ئەپەندى پروفېسسور غەيرەتجان ئوسماننىڭ چەتئەلگە چىقىپ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقانلىقىنىڭ ئۇنىڭ تۇتۇلۇشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى چەتكە قاقمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقاتىنىڭمۇ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە غەيرەتجان ئوسماننىڭ تۇتۇلۇشىغا يېتەرلىك سەۋەب بولالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى دەلىللەنگەن تەتقىقاتچى زۇلپىقار بارات ئۆزباش 2007‏-يىلى ئامېرىكىنىڭ ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىدا جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپى بويىچە ئوقۇغان ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئىدى. ئۇ ئامېرىكىدىكى ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر زىيالىرى ئارىسىدا تەشكىللىگەن «ئىلىم چېيى» پائالىيىتى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى بىر يۈرۈش لېكسىيە ۋە مۇنازىرىلىرى بىلەن نام قازانغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.