يېقىنقى يىللاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى ئىچى - سىرتىدىكى مىللىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۇقىرى دولقۇن ھاسىل قىلىشى بىلەن، ئۆزىنىڭ مىللىي ئىرادىسى ۋە جاسارىتىگە ئىشەنگەن ئۇيغۇرلار ئىچىدە مىللىتىنىڭ كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلارنىڭ سانى ھەسسىلەپ ئېشىپ بارماقتا.
ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كېلەچىكى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزگۈچىلەر، خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر پىدائىيلىرىنى كۆرگەنلا يەردە ئېتىپ تاشلاشتەك زوراۋانلىقنى يولغا قويۇشىدىكى سەۋەبنى « شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ دۇنياغا كېلىشىدىن ئىبارەت قورقۇنچ پەيدا قىلغان ئەسەبىيلىك» دەپ ئىزاھلىسا، ؛ىداىيلارنى «شۇ قەدەر ئېغىر زۇلۇم ئاستىدا تۇرۇپمۇ، ئەزەز جېنى ۋە ئىسسىق قانلىرى بىلەن كۈرەشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىنقىلابچىلار - كەلگۈسىدىكى ھۆر ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ ئۈمىدلىرى» دەپ باھالىماقتا.
بۇ پروگراممىدا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم يۇقىرىقى قاراشلارنىڭ تەشەببۇسچىلىرى بولغان بىر بۆلۈك ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە سىياسىي زاتلىرى بىلەن سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان. بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرىدىن ئەھمەت ئىگەمبەردى ئەپەندىنىڭ قاراشلىرىغا مەنسۇپ.
0:00 / 0:00