ئالماتادىكى ئۇيغۇر گىمنازىيىسىدە ئانا تىل كۈنى خاتىرىلەندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2015.02.25
qazaqistan-almata-uyghur-ana-til-mektep.jpg ئالماتادىكى ئۇيغۇر گىمنازىيىسىدە ئانا تىل كۈنىنى خاتىرلەش پائالىيىتىدىن بىر كۆرۈنۈش
RFA/Oyghan


مەلۇمكى، 1999 - يىلنىڭ 17 - نويابىر كۈنى بىلىم، پەن ۋە مەدەنىيەت مەسىلىلىرى بويىچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى خەلقئارا ئانا تىل كۈنىنى جاكارلىغان بولۇپ، 2000 - يىلدىن بۇيان ھەر يىلى 21 - فېۋرالدا تىل بايرىمى داۋام قىلماقتا.

ئۇنىڭ باش مەقسىتى يوقاپ كېتىۋاتقان تىللارنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇلارنى راۋاجلاندۇرۇش، تىلغا بولغان ھۆرمەتنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 21 - فېۋرال كۈنى ئالماتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىگە ئورۇنلاشقان ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153 - مەكتەپ - گىمنازىيەدە خەلقئارا ئانا تىل كۈنىگە بېغىشلانغان بايراملىق مۇراسىم بولۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭغا گىمنازىيە ئوقۇغۇچىلىرى ۋە مۇئەللىملىرى، شۇنداقلا زىيالىيلار، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ۋەكىللىرى، ئاتا - ئانىلار قاتناشتى. مۇراسىمنى گىمنازىيەنىڭ «شوخ يىگىتلەر» توپى شائىر ۋە يازغۇچى مەسۈمجان زۇلپىقاروفنىڭ سۆزىگە، كومپوزىتور ئىسمايىلجان ئىسايېفنىڭ مۇزىكىسىغا يېزىلغان «ئانا تىل» ناخشىسى بىلەن ئاچتى.

مۇراسىمنى باشقۇرغان تىل ۋە ئەدەبىيات پەنىنىڭ مۇئەللىمى زۇلفىيە ئابدۇللايېۋا دوكلات قىلغاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلار شائىرلاردىن ئابدۇمېجىت دۆلەتوف، ماھمۇت ئابدۇراخمانوف، دولقۇن ياسىن، ئىلىيا بەختىيا، ئىلاخۇن ھوشۇروف ۋە باشقىلارنىڭ ئانا تىل ھەققىدىكى شېئىرلىرىنى ئوقۇدى. ئۇنىڭدا شۇنداقلا ھەر خىل ئەدەبىيات مۇسابىقىلىرىنىڭ غالىبلىرى ئاتالغان ئوقۇغۇچىلار ۋە مۇئەللىملەر ئۆزلىرى يازغان شېئىرلىرىنى ئوقۇدى، پەخرىي يارلىقلار بىلەن تەقدىرلەندى.

سۆزگە چىققان قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو - مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف، قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى يېنىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ باشلىقى، يازغۇچى ئەخمەتجان ھاشىروف، گىمنازىيە مۇدىرى شاۋكەت ئۆمەروف ۋە باشقىلار ئانا تىلنىڭ ئۇيغۇرلار ھاياتىدا تۇتقان ئورنى، ئانا تىلىدا ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتى، مىللىي قەدرىيەتلەر ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى بىلدۈرۈپ، مەزكۇر مۇراسىمنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارغا ئۆزلىرىنىڭ چەكسىز مىننەتدارلىقىنى ئىزھار قىلدى.

مۇراسىم داۋامىدا گىمنازىيەنىڭ ياش ناخشىچىلىرى ۋە ئۇسسۇلچىلىرى تەييارلىغان كونسېرت پروگراممىسى كۆرسىتىلدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جۇغراپىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور شېرىپجان نادىروف بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.