شىۋېتسىيەدىكى ئانا تىل مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرى پوچتا مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى‏

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېھسان
2016.02.29
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
shiwetsiye-ana-til-maktep.jpg شىۋېتسىيەدىكى ئانا تىل مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرى دەرسخانىدا. 2016-يىلى 27-فېۋرال.
RFA/Éhsan

شىۋېتسىيەدە قۇرۇلغان مەھمۇت قەشقىرى ئانا-تىل مەكتىپى 2009-يىلدىن بۇيان شىۋېتسىيە مائارىپ ئىدارىسىنىڭ تەلىم-تەربىيە جەمئىيەتلەر تىزىملىكى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان رەسمىي قانۇنلۇق تەلىم-تەربىيە ئورگىنى بولۇپ، ئىگىلىنىشىچە، ھازىر بۇ مەكتەپتە 20 نەپەر ئۇيغۇر پەرزەنتى ئوقۇيدىكەن.

‏مەھمۇت قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپىدە، ئانا تىل، دىن، ئۆرپ-ئادەت قاتارلىقلار دەرسلىك قىلىنغاندىن سىرت، ئۇيغۇر تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئۆگىتىش بىلەن بىرگە، ئىسلام تارىخىدىنمۇ دەرس ئۆتىلىدىكەن.

مەھمۇت قەشقىرى مەكتىپى مەسئۇلى ئابباسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ئانا -تىل مەكتىپى بۇ يىللىق ئوقۇش باشلىنىش مەۋسۇمىدا، مەكتەپتىكى ئوقۇش، ئاڭلاش، يېزىش دەرسىدىن باشقا يەنە ھەر ئاينىڭ ئاخىرقى ھەپتىلىك دەرستە مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى مەسئۇل ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەمراھلىقىدا شىۋېتسىيە جەمئىيىتى بىلەن تونۇشتۇرۇش ھەمدە سىرتتا ئۇچراشقان شەيئىلەرنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلىرىنى بىلدۈرۈش مەقسىتىدە، شىۋېتسىيەدىكى ھەرخىل مۇزېي، مەسچىت، كۇتۇپخانا قاتارلىق ئورۇنلارغا ئاپىرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرىدىكەن.

مەھمۇت قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپى، ئوقۇغۇچىلارنى 27-فېۋرال كۈنىدىكى ھەپتىلىك دەرسىدە، شىۋېتسىيە پوچتا مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرغان.

ئوقۇغۇچىلارغا يېتەكچىلىك قىلغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ، پوچتا مۇزېيىدا ئىشلەيدىغان خادىملارنىڭ ياردىمىدە شىۋېتسىيە پوچتا مۇزېيىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى، ئىلگىرى شىۋېتسىيەدە پوچتىلار قانداق يەتكۈزۈلىدىغانلىقى، ھازىر تەرەققىي قىلىپ قانداق تارقىتىلىدىغانلىقى ۋە شىۋېتسىيەدىكى پوچتىغا ئالاقىدار بەزى مەلۇماتلار چۈشەندۈرۈلگەن.

مەھمۇت قەشقىرى مەكتىپىنىڭ مەسئۇلى ئابباس ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ سىرتىدىكى پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭى شەيئىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ ئانا تىلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى ئەھمىيىتى ھەققىدە ئۆز كۆز قارىشىنى ئاڭلاتتى.

پوچتا مۇزېيىدىكى شىۋېتسىيەنىڭ پوچتا ئەھۋالىدىن ئۆز چۈشەنچىسىنى بايان قىلغان، مەھمۇت قەشقىرى ئانا -تىل مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرىدىن يەھيا ئابدۇللا ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلدى.

بىز بۇ قېتىملىق مۇزېي پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلغان مەسئۇللاردىن ئابدۇللا ئەھەتتىن دەرستىن سىرتىقى پائالىيەتلەردىن شىۋېتسىيە بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئەھمىيەتلىك دەرس بولغانلىقىنى ئاڭلاتتى.

مەھمۇت قەشقىرى مەكتىپى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە مەسئۇللىرىدىن دىلمۇرات ئەپەندى بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئاتا-ئانىلارغا زور ياردىمى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.