قارامايلىق خانىم: «8-دېكابىر ئوت پاجىئەسى» دە ئوقۇتقۇچى ئامىنە داۋۇت ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېھسان
2016.02.02
qaramay-dostluq-kinoxana-ot-apiti-4.jpg قارامايدىكى ئوت ئاپىتىدە پەرزەنتلىرى كۆيۈپ كەتكەن ئانىلار.
Social Media

«8-دېكابىر قاراماي ئوت ئاپىتى» ئۇيغۇر رايونىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ پاجىئەلىك ئوت ئاپىتى بولۇپ، ئامىنە داۋۇت خانىم شۇ ئاپەتتە قازا قىلغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىرى.

ئامىنە داۋۇت بولسا قاراماي شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، 4 بالىنىڭ ئانىسى. ئۇ، خىزمەتتىكى ئەستايىدىللىقى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن كۆپ قېتىم مەكتەپ ۋە قاراماي شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى» بولۇپ مۇكاپاتلانغان.

-1989يىلدىن باشلاپ قاراماي شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە «تەجرىبە سىنىپ» سىنىپ تەسىس قىلىنىپ، باشلانغۇچ سىنىپقا 7 ياشلىق ئۆسمۈرلەر قوبۇل قىلىنىدۇ ھەمدە شۇ سىنىپقا مەكتەپنىڭ تەكلىپى بىلەن ئامىنە داۋۇت سىنىپ مەسئۇلى بولىدۇ.

1994-يىلى 8-دېكابىر، قاراماي شەھەرلىك دوستلۇق كىنوخانىسىدا مائارىپ خىزمەت يىغىنى ئېچىلىدۇ. قاراماي شەھىرىدىكى 7 تولۇق ئوتتۇرا، 8 باشلانغۇچ مەكتەپتىن بولۇپ جەمئىي 796 ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ۋە ئۈرۈمچىدىن كەلگەن بىر قىسىم كادىرلار قاتارىدا ئامىنە مۇئەللىممۇ سىنىپىدىكى 20 ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى بىلەن يىغىنغا قاتنىشىدۇ.
بىز ئالدى بىلەن قاراماي شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپكە تېلېفون قىلىپ، ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشقان بولساقمۇ، تېلېفوننى قوبۇل قىلىدىغان ئادەم چىقمىدى.

بىز يەنە شۇ ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىتتا 2-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان قارامايلىق خانىم ئارقىلىق ئامىنە داۋۇت مۇئەللىمنىڭ 4نەپەر ئوقۇغۇچىسىنى قۇتۇلدۇرۇش يولىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان پاجىئەنى ئىگىلەشكە تىرىشتۇق.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قارامايلىق خانىم، ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدا مەكتەپتە ۋە جەمئىيەتتىن ئاڭلىغانلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، كۇلۇبقا ئوت كەتكەندىن كېيىن، ئامىنە مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇپ، ئۆزى بىللە كۇلۇبتىن سىرتقا چىقىپ كېتىدۇ، ئەمما ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئالغاندا ئالىمجان ئابدۇخالىق، ئادىلجان، پىردۇن قۇربان، مەنسۇر ئابلەت قاتارلىق 4 نەپەر ئوقۇغۇچىسىنىڭ يوقلۇقىنى بىلگەندىن كىيىن، باشقا ئوقۇغۇچىلارنى دەرھال بىخەتەر ئورۇنغا تارقاقلىشىشىنى تاپىلاپ، ئۆزى يەنە كۈلۈپ ئىچىگە ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىزدەپ كىرىپ كېتىدۇ.

شۇ ئەسنادا كۇلۇبنىڭ ئىشىكى توكلۇق يۆگەلمە ئىشىك بولغاچقا، ئوت سەۋەبىدىن توك ئۈزۈلگەندە ئۆزلۈكىدىن چۈشۈپ كېتىپ ئېتىلىپ قالىدۇ. ئۇ چاغدا ئىچىدىن ئوتنىڭ قويۇق ئىسى چىقىپ، ئامىنە مۇئەللىم 4نەپەر ئوقۇغۇچىسى بىلەن بىرلىكتە ئىس ئېلىپ ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ.

بىز قارامايدىكى ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق -تۇغقانلىرىنى زىيارەت قىلىپ، شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى ھەمدە ھازىرقى ئويلىغانلىرىنى ئىگىلەشكە تىرىشقان بولساقمۇ، ئەمما ۋەقەگە 21يىلدىن ئاشقان بولغاچقا نەق مەيداندا بار بولغانلارنى ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى زىيارەت قىلىشقا ئىمكانىمىز بولمىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.