قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەر يېڭى ئوقۇش يىلىنى كۈتۈۋالدى

0:00 / 0:00

1-سېنتەبىر قازاقىستان خەلقى ئۈچۈن «بىلىم كۈنى» بايرىمى بولۇپ، بۇ كۈنى بارلىق مەكتەپلەردە يېڭى ئوقۇش يىلىنىڭ باشلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن «بىرىنچى قوڭغۇراق» مۇراسىمى بولۇپ ئۆتىدۇ. ئۇنىڭغا ئوقۇغۇچىلار قوللىرىغا گۈل كۆتۈرۈپ كېلىپ، ئۇستازلىرىنى تەبرىكلەيدۇ. قازاقىستاندىكى قازاق، رۇس، ئۆزبېك، تاجىك تىللىق مەكتەپلەر بىلەن بىر قاتاردا ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەرمۇ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بۆلۈنگەن خىراجەت بىلەن تەمىنلىنىدۇ.

بۇ يىلىمۇ 1-سېنتەبىر كۈنى مەملىكەتتىكى 60 تىن ئوشۇق ئۇيغۇر تىلىدىكى ۋە ئارىلاش، يەنى قازاق، رۇس ۋە ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەردە «بىرىنچى قوڭغۇراق» مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. شۇ جۈملىدىن ئالمۇتا شەھىرى بويىچە ئەڭ ئۈلگىلىك مەكتەپلەرنىڭ بىرى ھېسابلانغان دوستلۇق مەھەللىسىدە ئورۇنلاشقان ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەدە ئۆتكەن مۇراسىمغا بىر يېرىم مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچى-ئۇستازلار، زىيالىيلار، ئاتا-ئانىلار، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ۋەكىللىرى، جامائەتچىلىك ئاكتىپلىرى قاتناشتى. مۇراسىم قازاقىستاننىڭ دۆلەت گىمنىنى ئورۇنلاش بىلەن باشلاندى.

مۇراسىم رىياسەتچىسى سائادەت شاھىمەردانوۋا باشقا مىللەتلەر قاتارىدا ئۇيغۇر ياشلىرىدىنمۇ چوڭ ئۈمىدلەر كۈتۈلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «مانا بۈگۈنمۇ مەكتەپ بوسۇغىسىنى ئاتلاپ، كېلەچەككە زور ئارمانلار بىلەن قارا كۆزلىرىمىز كېلىپ ئولتۇرىدۇ. ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىشنى كۆزلىگەن 128 نەپەر قارا كۆزلىرىمىزنى گۈلدۈرلىگەن ئالقىش سادالىرى بىلەن تەكلىپ قىلايلى.»

رىياسەتچى تەييارلىق سىنىپىغا 75 بالىنىڭ كەلگەنلىكىنى، مەزكۇر مەكتەپنىڭ پەقەت سان جەھەتتىنلا ئەمەس، بەلكى ئوقۇش ساپاسى جەھەتتىنمۇ ئۆسۈۋاتقانلىقىنى، ھەر يىلى ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىۋاتقان ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرىنىڭ ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىغا ئۆتۈپ، ھەر خىل كەسىپلەرنى ئىگىلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

مۇراسىمدا دەسلەپ سۆزگە چىققان قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى، جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئېرشات ئەسمەتوف يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنى گېزىت كوللېكتىپى، شۇنداقلا جۇمھۇرىيەتلىك مەدەنىيەت مەركىزى ھەم ئۇنىڭ رەئىسى، قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى شاھىمەردان نۇرۇموف نامىدىن قىزغىن تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مىللىي مائارىپ ھەر قانداق مىللەتنىڭ كېلەچىكى. بىزنىڭ تومۇرىمىز، قېنىمىز، يۈرىكىمىز، باغرىمىز مانا مۇشۇ مىللىي مائارىپتۇر. مۇشۇ قېنىمىزدىكى قاننى ئۇرغۇتۇپ تۇرغان دەل مۇشۇ مەكتەپلىرىمىزدۇر. ھەر قانداق مىللەتنىڭ مىللىي مائارىپسىز ھېچ قانداق تەرەققىياتقا ئىگە بولالمايدىغانلىقىنى ھايات ئىسپاتلاۋاتىدۇ. جۇمھۇرىيەتلىك، خەلقئارا دەرىجىدىكى بۇ گىمنازىيە پۈتۈنلەي ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەم مەنىۋى ھەم مەدەنىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى بولۇپ كېلىۋاتقىنىغا نۇرغۇن يىللار بولدى. مانا مۇشۇ ئۇتۇقنى ياخشى ساقلاپ، مۇشۇ يەردىكى قارا كۆزلىرىمىز ئۇستازلىرىمىزنىڭ ياردىمى بىلەن ياخشى بىلىم ۋە تەربىيە ئېلىپ، چوڭ-چوڭ چوققىلارغا يېتىدىغىنىغا ئىشەنچىم كامىل.»

ئېرشات ئەسمەتوف مىللەتنى مىللەت سۈپىتىدە ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بار كۈچنى ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەرنى ساقلاپ قېلىشقا سېلىش لازىملىقىنى تەكىتلىدى. مۇراسىمدا سۆزلىگەن پېشقەدەم زىيالىي زېرىپ مولوتوف، «تۇران دۇنياسى» جەمئىيەتلىك فوندىنىڭ مۇدىرى كارلىن مەخپىروف، ئەل-فارابى نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شېرىپجان نادىروف ۋە باشقىلار قازاقىستاندا مىللىي مەكتەپلەرنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بارلىق شارائىتلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، بۈگۈنكى كۈندە رىقابەتچىلىككە قابىل ئەۋلادلارنى تەربىيەلەپ چىقىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر مەكتەپنىڭ سابىق مۇدىرى زېرىپ مولوتوف ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، مىللىي مەكتەپلەرنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىدا شۇ دۆلەتنىڭ ئىچكى سىياسىتىمۇ ئالاھىدە رول ئوينايدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى. «مېنى بىرىنچى خۇشال قىلىدىغان نەرسە قازاقىستان دۆلىتىدە ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئۈچۈن يول ئوچۇق. 60 تىن ئوشۇق مەكتىپىمىز بار. ئۇ يەردە نەچچە مىڭلىغان بالا ئۆز ئانا تىلىدا بىلىم ئالىدۇ. بۇ نېمىگە ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن؟ قازاقىستان دىيارىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپلا قالماي، بەلكى شۇنى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلاۋاتىدۇ. جەمئىيەتنىڭ ھەر قانداق ساھەلىرىدە مىللىتىمىزنىڭ ۋەكىللىرى ئۈنۈملۈك ئەمگەك قىلىپ، ئىجاد قىلىپ كەلمەكتە. ئەپسۇس، باشقا قېرىنداش جۇمھۇرىيەتلەردىكى قانداشلىرىمىز مۇنداق ئىمكانىيەتكە ئىگە ئەمەس. مېنىڭچە، ئۇلارنىڭ باشقا مىللەتلەر تەركىبىگە سىڭىپ كېتىش ئېھتىمالى خېلى يۇقىرى.»

بۇ جەھەتتە قوشنا قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى قانداق؟

قىرغىزىستاندىكى «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرىنىڭ ئورۇنباسارى ئابدۇرەھىم ھاپىزوفنىڭ ئېيتىشىچە، سانى جەھەتتىن قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان يۈز مىللەتنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار قىرغىز، ئۆزبېك ۋە رۇسلاردىن كېيىن تۆتىنچى ئورۇننى ئىگىلەيدىكەن. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن كېيىن، يەنى سوۋېت ئىتتىپاقى غۇلىغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان شەھەر ۋە يېزىلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ 30-40 پىرسەنتىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغان مەكتەپلەردە قوشۇمچە كۇرسلار ئېچىلىپ، ئۇلاردا ھەپتىسىگە ئىككى قېتىم ئىككى سائەتتىن ئۇيغۇر تىلى دەرسلىرى ئۆتۈشكە باشلىغان. بۇ 1989-يىلى قۇرۇلغان «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن ئىكەن. ئابدۇرەھىم ھاپىزوف مۇنداق دېدى: «ئەپسۇسكى، ئاخىرقى يىللاردا ئۇلار توختاپ قالدى. ئىتتىپاق جەمئىيىتى ھەر يىلى بۇ مەسىلىنى كۆتىرىۋاتىدۇ. ئەنە شۇ قوشۇمچە ئۇيغۇر تىلى دەرىسلىرىنى ئورنىغا كەلتۈرۈشكە ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز. شۇنداقلا بىشكەك شەھىرىدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تىلغا، سەنئەتكە ئۆگىتىدىغان بىناسى يوق. ئادەملىرىمىز، مۇئەللىملىرىمىز بار. كېلەچەكتە مۇنداق بېنا بولىدۇ دەپ ئىشىنىمىز. بىز ئۇيۇشتۇرغان مۇسابىقىلەردىن ئاز بولسىمۇ ئاقچا چۈشتى. نېمە ئۈچۈن مۇنداق ھەرىكەتلەرنى قىلىۋاتىمىز؟ سەۋەبى بىزدە ئۇيغۇر مەكتەپلىرى يوق. چوڭ ئەۋلاد ياشلىرىمىزنى ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى بىلىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. تىلنى بىلمىسە، ياشلىرىمىز ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىن، تارىخىدىن چەتنەپ كېتىدۇ».

ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرىدە ياشاۋاتقان تونۇلغان ئالىم، تېخنىكا پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئابدۇلجان بەرايېف بولسا مىللەت كېلەچىكىنىڭ بىرىنچى نۆۋەتتە مىللىي مائارىپقا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «مىللەتنى مىللەت قىلىپ ساقلايمىز دېسەك، ئەلۋەتتە، بىرىنچى نۆۋەتتە مەكتەپكە ئېتىبار قىلىش كېرەك، ئەمما ئۇ بىزدە يوق. ياشلارغا ئومۇمەن بۇ توغرىلىق گەپ قىلىش قىيىن. كېلەچەكنى ئويلايدىغانلار بارغانسېرى ئاز قېلىۋاتىدۇ. بۇ مەسىلىنى كۆتۈرۈۋاتقىنىمىزغا 20 يىل بولۇپ كەتتى. ئەمما ئىشىمىز ئالغا ئەمەس، ئارقىسىغا كېتىپ بارىدۇ. بىز قەيەردە بولمايلى، ئاساسىي نەزەرنى مەكتەپكە بۆلۈشىمىز كېرەك.»

ئىگىلىشىمىزچە، ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىرتىدا ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايوندۇر. ھۆكۈمەتلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، قازاقىستاندا 260 مىڭدىن ئوشۇق، قىرغىزىستاندا 50 مىڭ، ئۆزبېكىستاندا 30 مىڭ ئۇيغۇر ياشايدىكەن. ئۇيغۇرلار يەنە تۈركمەنىستاندىمۇ ئۇچرايدۇ. ئەينى ۋاقىتلاردا ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئۇيغۇرلار ئىچىدىن كۆپلىگەن دۆلەت ئەربابلىرى، ئالىملار، يازغۇچىلار، ئىگىلىك رەھبەرلىرى ۋە باشقىلار يېتىلىپ چىققان ئىدى.