دولقۇن ئەيسا ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنى زىيارەت قىلدى
2016.05.03

28-ئاپرېل كۈنى خەلقئارا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا ئېچىلغان يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن شىۋېتسىيەگە كەلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دولقۇن ئەيسا 30-ئاپرېل كۈنى شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن «ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» نى زىيارەت قىلدى.
دولقۇن ئەيسانى ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرى، ئۇيۇشما مەركىزىدە قىزغىن قارشى ئېلىپ كۈتۈۋالدى.
دولقۇن ئەيسا سۆھبەت جەريانىدا، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ خىزمەتلىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇيۇشمىنىڭ قۇرۇلغان 10يىلدىن بۇيان قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.
ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇللا كۆكيار دولقۇن ئەيسانىڭ 30-مارت ئامېرىكىدىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» تەرىپىدىن بېرىلگەن «ترۇمان-رېگان ئەركىنلىك مېدالى» غا ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايرىقى چۈشۈرۈلۈپ بېسىلغان سىمۋول خاراكتېرىگە ئىگە شارپا بىلەن خاتىرە بۇيۇمى ھەدىيە قىلدى.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۈگۈنكى ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىغا قىلغان زىيارىتى ھەققىدە ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلدى.
ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇللا كۆكيار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ «ترۇمان-رېگان ئەركىنلىك مېدالى» غا ئېرىشىپ، ئۇيغۇر خەلقىگە شان -شەرەپ كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە پىداكارلىق كۆرسەتكەنلىكىنى شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن تەبرىكلىگەنلىكىنى ئاڭلاتتى.
پائالىيەتكە قاتناشقان ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرىدىن ئابباس ئەپەندىممۇ بۇ ھەقتە ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «گەرچە بۇ مۇكاپات دولقۇن ئەيساغا شەخسى بېرىلگەن بولسىمۇ، بۇ مۇكاپاتنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە بولغان ئەھمىيىتى چوڭ. ئۇيغۇر خەلقى داۋا ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتىۋاتقان پىدائىيلارنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ، ھەر قاچان كەينىدە تۇرۇپ مەدەت بېرىدۇ.»