رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇر مەسىلىسى دەرس قىلىپ ئۆتۈلۈۋاتقان مەكتەپنى زىيارەت قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016.11.22
rabiye-xanim-uyghur-mesilisi-ders-qilinghan-mektepte-5.jpg رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇر مەسىلىسى دەرس قىلىپ ئۆتۈلۈۋاتقان مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن سۆھبەتتە. 2016-يىلى 18-نويابىر، نورۋېگىيە.
RFA/Erkin Tarim
rabiye-xanim-uyghur-mesilisi-ders-qilinghan-mektepte-1.jpg

رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇر مەسىلىسى دەرس قىلىپ ئۆتۈلۈۋاتقان مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن. 2016-يىلى 18-نويابىر، نورۋېگىيە. RFA/Erkin Tarim

rabiye-xanim-uyghur-mesilisi-ders-qilinghan-mektepte-2.jpg

رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇر مەسىلىسى دەرس قىلىپ ئۆتۈلۈۋاتقان مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن. 2016-يىلى 18-نويابىر، نورۋېگىيە. RFA/Erkin Tarim

rabiye-xanim-uyghur-mesilisi-ders-qilinghan-mektepte-3.jpg

ئۇيغۇر مەسىلىسى دەرس قىلىپ ئۆتۈلۈۋاتقان مەكتەپنىڭ تاملىرىغا ئېسىلغان رابىيە قادىر خانىمنىڭ سۈرەتلىرى. 2016-يىلى 18-نويابىر، نورۋېگىيە. RFA/Erkin Tarim

rabiye-xanim-uyghur-mesilisi-ders-qilinghan-mektepte-4.jpg

ئۇيغۇر مەسىلىسى دەرس قىلىپ ئۆتۈلۈۋاتقان مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى. 2016-يىلى 18-نويابىر، نورۋېگىيە. RFA/Erkin Tarim

rabiye-xanim-uyghur-mesilisi-ders-qilinghan-mektepte-5.jpg

رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇر مەسىلىسى دەرس قىلىپ ئۆتۈلۈۋاتقان مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن سۆھبەتتە. 2016-يىلى 18-نويابىر، نورۋېگىيە. RFA/Erkin Tarim

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم نورۋېگىيەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتى جەريانىدا، نورۋېگىيەنىڭ بېرگىن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دەرس قىلىپ ئۆتۈۋاتقان تاش مەكتەپ نامىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنى زىيارەت قىلدى.

11-ئاينىڭ 18-كۈنى ئەتىگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى مەكتەپكە كەلگىنىدە، كۆپ ساندا ئوقۇغۇچى مەكتەپنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر تىلىدا «خۇش كېلىپسىلەر» دەپ كۈتۈۋالغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ رادىيومىزغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، رابىيە قادىر خانىم بۇندىن 12 يىل ئىلگىرى بۇ مەكتەپنى زىيارەت قىلغىنىدا، ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان، ئۇ ۋاقىتتا لېكسىيەسىنى ئاڭلىغان ئوقۇغۇچىلار ھازىر ئۇنىۋېرسىتېتلارنى پۈتتۈرۈپ جەمئىيەتكە چىققان، بۇ قېتىم بۇ ئوقۇغۇچىلارمۇ كېلىپ ئۆزلىرى پۈتتۈرگەن مەكتەپتە رابىيە قادىر خانىمنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىگە قاتناشقان.

مەكتەپنىڭ تاملىرىغا رابىيە قادىر خانىمنىڭ رەسىملىرى ئېسىلغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار بەس-بەس بىلەن سوئال سورىغان. 12-14 ياشتىكى بالىلارنىڭ سوئاللىرىدىن تەسىرلەنگەن رابىيە قادىر خانىم كۆز يېشىنى تۈتىۋالالماي يىغلاپ كەتكەن.

ياۋروپادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان رافتو كىشىلىك ھوقۇقى ۋەقپى 1986-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، 30 يىلدىن بېرى دۇنيادا زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقان مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىنى دۇنياغا ئاڭلاتقاندىن سىرت، نورۋېگىيەدىكى نۇقتىلىق مەكتەپلەردە مەزلۇم مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىنى دەرس قىلىپ ئۆتۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، بەرگىن شەھىرىدە 12-يىل بۇرۇن ۋە بۇ قېتىم زىيارەت قىلغان تاش مەكتەپ نامىدىكى مەكتەپتە ئۇيغۇر مەسىلىسى دەرس قىلىپ ئۆتۈلىدىكەن. مەزكۇر مەكتەپ ھازىرغىچە كۆپ ساندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىلىدىغان ئوقۇغۇچى يېتىشتۈرگەن.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.