تۈركىيەدە تۈرك ۋە ئۇيغۇر تىلىدا چىقىۋاتقان «خەلقئارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى» ژۇرنىلىنىڭ 7 - سانى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتى. بۇ ساندا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى، قەدىمقى زامان ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، تارىخى، فولكلورى، ئۆرپ - ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك 13 ماقالە ھەمدە كىتاب باھالاش ۋە تونۇشتۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك 2 ماقالە يەر ئالغان بولۇپ، تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
2013 - يىلىدىن تارتىپ ئىزچىل نەشر قىلىنىپ كېلىۋاتقان ، «خەلقئارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى ژۇرنىلى»نىڭ بۇ سانىدا قەدىمقى، يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى، تارىخى ۋە فولكلورى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلارغا ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، مەزكۇر ژۇرنالنىڭ 7 - سانى توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ژۇرنالنىڭ قانۇنىي ئىگىسى ئىزمىر ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، ژۇرنالنىڭ باش تەھرىرى ئادەم ئۆگەر ئەپەندى ۋە ژۇرنالدا ماقالىسى ئېلان قىلىنغان نەۋشەھىر ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتورا ئوقۇغۇچىسى ئابدۇۋېلى ھەسەن ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى مەزكۇر ژۇرنالنىڭ 7 - سانىدا يەر بېرىلگەن ماقالىلەر توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «ژۇرنالدا تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان دوكتورا ئوقۇغۇچىسى ئابدۇۋاھىت ھەسەنجاننىڭ «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى مۇھىم يازغۇچىلاردىن زوردىن سابىر» ماۋزۇلۇق ماقالىسى، ئەدەبىياتشۇناس ئابلەت بەركىنىڭ «زۇنۇن قادىرنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئورنى» ناملىق ماقالىسى، تۈركىيە نەۋشەھىر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئادەم ئۆگەر بىلەن كۈبرا ئالتىن يىلدىز خانىمنىڭ «ئۇيغۇرلاردا شامانىزمدىن ئىسلامىيەتكىچە يامان رۇھقا ئايلىنىشى» ناملىق ماقالىسى، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور سائادەتتىن گۆمەچ ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇر داستانلىرى ۋە قۇتاتقۇبىلىك ھەققىدە» ناملىق ماقالىسى، ئىزمىر ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور زەكى قايماز ئەپەندىنىڭ «قۇتاتقۇبىلىك تەتقىقاتىغا نەزەر» ناملىق ماقالىسى، پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ «ئوغۇز داستانى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسى، زۇلھايات ئۆتكۈر خانىمنىڭ «ئۇيغۇرلاردا مازار ئادەتلىرى» ناملىق ماقالىسى قاتارلىقلارغا ئورۇن بېرىلگەن.

تۈركىيەدە نەشر قىلىنىۋاتقان «خەلقئارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى ژۇرنىلى»نىڭ باش تەھرىرى تۈرك نەۋشەھىر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئادەم ئۆگەر ئەپەندى ژۇرنالنىڭ 7 - سانىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرىنىڭ ئىنگىلىزچە، تۈركچە ۋە ئۇيغۇرچە ماقالىلەرگە ئورۇن بەرگەنلىكى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
تۈركىيە نەۋشېھىر ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتىتىدا دوكتورا ئوقۇۋاتقان ھەسەنجان ئەپەندى «خەلقئارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى ژۇرنىلى»غا يۇقىرى باھا بەردى.
«خەلقئارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى ژۇرنىلى» 3 يىلدىن بېرى ئىزچىل ھالدا نەشر قىلىنىۋاتقان تۈرك ۋە ئۇيغۇر تىلىدا ئېلان قىلىنىۋاتقان تور ژۇرنىلى بولۇپ، دۇنيادىكى ئۇيغۇرشۇناسلار ئۇنىڭدىن پايدىلانماقتا.
پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ژۇرنالنىڭ بۇ سانىدا ئېلان قىلىنغان داڭلىق تارىخچى زەكى ۋەلىدى توغان ئەپەندىنىڭ «ئوغۇزخان» داستانى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
ئۇ، ژۇرنالنىڭ 7 - سانىدا بەزى كىتابلارنىڭمۇ تونۇتۇلقانلىقىنى بايان قىلدى.
بۇلاردىن باشقا يەنە، ژۇرنالدا يازغۇچى ئابلىمىت سادىقنىڭ ئۈرۈمچى خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «خىتاي خەلق مەسەللىرى توپلىمى» ناملىق كىتابى، دوكتور ئەركىن ئەمەتنىڭ تۈركىيە ئەنقەرەدە نەشر قىلىنغان «چاقچاقچى ھىسام قۇربان» ناملىق كىتابى تونۇشتۇرۇلغان.