9-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ياش رەھبەرلەرنى تەربىيىلەش كۇرسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 9-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ياش رەھبەرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى، قۇرۇلتاي رەھبەرلىكىنىڭ ئورتاق قارارى بىلەن 11-ئاينىڭ 24- كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈشى بېكىتىلىپ، تەييارلىق خىزمەتلىرى ئاخىرقى باسقۇچقا كىردى.

بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر ياش رەھبەرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى ياشلارنى ئاساس قىلغان ھالدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، دەۋا سېپىگە ياش ئەۋلادلارنى جەلپ قىلىش ۋە ئۇلارنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەردە ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئېلىپ بېرىشنىڭ يوللىرى ھەققىدە تەربىيەلەشنى مەقسەت قىلىدىكەن. شۇڭا يىغىن ئۈچىنچى كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى بىناسى ئىچىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى كۇرس جەريانىدا يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەلىپى بويىچە د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ئالاھىدە يىغىنى ئېچىلىدىكەن.

يىغىندا د ئۇ ق نىڭ ئىچكى مەسىلىلىرى ۋە ئۇنىڭ كېيىنكى قېتىملىق ئومۇمىي قۇرۇلتىيىغا دائىر مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن. مەزكۇر يىغىنغا د ئۇ ق نىڭ بارلىق رەھبەرلىرى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلىدىكەن.

بىز يىغىن توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن يىغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچى د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.