15-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئاخىرلاشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2018.03.20
yashlarni-terbiyelesh-kursi-2018-oslo-3.jpg 16-مارتتىن 18-مارتقىچە ئۆتكۈزۈلگەن 15-نۆۋەتلىك «ئۇيغۇر ياشلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە، قانۇنىي بىلىملەر بىلەن تەربىيەلەش كۇرسى» دىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى مارت، ئوسلو نورۋېگىيە.
RFA/Ekrem
yashlarni-terbiyelesh-kursi-2018-oslo-1.jpg

16-مارتتىن 18-مارتقىچە ئۆتكۈزۈلگەن 15-نۆۋەتلىك «ئۇيغۇر ياشلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە، قانۇنىي بىلىملەر بىلەن تەربىيەلەش كۇرسى» دىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى مارت، ئوسلو نورۋېگىيە. RFA/Ekrem

yashlarni-terbiyelesh-kursi-2018-oslo-2.jpg

16-مارتتىن 18-مارتقىچە ئۆتكۈزۈلگەن 15-نۆۋەتلىك «ئۇيغۇر ياشلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە، قانۇنىي بىلىملەر بىلەن تەربىيەلەش كۇرسى» دىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى مارت، ئوسلو نورۋېگىيە. RFA/Ekrem

yashlarni-terbiyelesh-kursi-2018-oslo-3.jpg

16-مارتتىن 18-مارتقىچە ئۆتكۈزۈلگەن 15-نۆۋەتلىك «ئۇيغۇر ياشلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە، قانۇنىي بىلىملەر بىلەن تەربىيەلەش كۇرسى» دىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى مارت، ئوسلو نورۋېگىيە. RFA/Ekrem

yashlarni-terbiyelesh-kursi-2018-oslo-4.jpg

16-مارتتىن 18-مارتقىچە ئۆتكۈزۈلگەن 15-نۆۋەتلىك «ئۇيغۇر ياشلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە، قانۇنىي بىلىملەر بىلەن تەربىيەلەش كۇرسى» دىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى مارت، ئوسلو نورۋېگىيە. RFA/Ekrem

yashlarni-terbiyelesh-kursi-2018-oslo-5.jpg

16-مارتتىن 18-مارتقىچە ئۆتكۈزۈلگەن 15-نۆۋەتلىك «ئۇيغۇر ياشلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە، قانۇنىي بىلىملەر بىلەن تەربىيەلەش كۇرسى» دىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى مارت، ئوسلو نورۋېگىيە. RFA/Ekrem

yashlarni-terbiyelesh-kursi-2018-oslo-6.jpg

16-مارتتىن 18-مارتقىچە ئۆتكۈزۈلگەن 15-نۆۋەتلىك «ئۇيغۇر ياشلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە، قانۇنىي بىلىملەر بىلەن تەربىيەلەش كۇرسى» دىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى مارت، ئوسلو نورۋېگىيە. RFA/Ekrem

ئوسلودا ئۆتكۈزۈلگەن 15-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ياش رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق بىلەن تەربىيەلەش كۇرسى ئاخىرلاشتى.

16-مارتتىن 18-مارتقىچە نورۋېگىيەنىڭ ئوسلو شەھىرىدە 3 كۈن داۋاملاشقان 15-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ياشلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە، قانۇنىي بىلىملەر بىلەن تەربىيەلەش كۇرسى نەتىجىلىك ئاخىرلاشتى.

ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىنىڭ ماددىي ياردىمى بىلەن د ئۇ ق، رافتو فوندى جەمئىيىتى ۋە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن بۇ قېتىمقى كۇرسقا نورۋېگىيە، ئامېرىكا، كانادا، شىۋېتسىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە قاتارلىق ئەللەردىن كەلگەن 60 ئەتراپىدىكى ياشلار، ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ياۋروپا پارلامېنتى خادىملىرى ۋە ھەر ساھە مۇتەخەسسىسلىرى قاتناشتى.

ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى باشلىنىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى «نوبېل ئەركىنلىك سارىيى» دا ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، بۇ يىغىندا ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى» نىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات، رافتو فوندىنىڭ مەسئۇللىرىدىن جوستەيىن ھولە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى نورۋېگىيە شۆبىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن گەرالد كادور، نورۋېگىيە پارلامېنت ئەزاسى نىكولاس ۋىلكىنسون، نورۋېگىيە تىبەت تەشكىلاتى رەئىسى نامگيال سوما، ئامېرىكا فروستبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھاييۈن ما، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ۋەكىلى ريان بارري قاتارلىقلار ئۇيغۇرلار ھەققىدە نۇتۇقلار سۆزلىگەن ئىدى.

3 كۈنلۈك بۇ كۇرستا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ خىزمەتلىرى، نورۋېگىيەدىكى تىبەت ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا سىياسىي سەھنىلىرىدىكى پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ياشلىرىغا قانداق قىلغاندا خەلقئارادا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تەسىرلىك رەۋىشتە تونۇتۇش، ئۇيغۇر مىللىي مۇجادىلىسىنى ئۈنۈملۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ھەر تۈرلۈك يوللىرى ئۆگىتىلدى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى كۇرس خاتىمىسىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ نەتىجىلىك بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

18-مارت كۈنى 3 كۈنلۈك بۇ كۇرس ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى، ئۇيغۇر ياشلىرى نەق مەيداندا پراكتىكا ئۆرنەكلىرىنى كۆرسەتتى. ياشلارنىڭ نەق مەيدان پراكتىكىسىدىن كېيىن، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى قۇرۇلتاي رەھبەرلىرى سەھنىگە چىقىپ، ياشلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى ھەمدە د ئۇ ق نىڭ تەشكىلىي تۈزۈلمىسى، ئۇنىڭ رەھبەرلىرى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇماتلار بەردى.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى ئوسلودا چاقىرىلغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىدىن ئۆزىنىڭ ھەمدە كۇرسقا قاتناشقان ياشلارنىڭ كۆپ مەمنۇن بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

كۇرس ئاخىرلاشقان 18-مارت كەچتە، بۇ قېتىمقى كۇرسقا كەلگەن د ئۇ ق رەھبەرلىرى، چەتئەللىك مېھمانلار نورۋېگىيەدىكى يۈزلىگەن ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن بىرگە، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان نورۇز پائالىيىتىگە قاتناشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.