ئۇيغۇر رەسسامچىلىقىدا تونۇلغان سەنئەت ئەربابى، ئاتاقلىق رەسسام ئابدۇكېرىم نەسىرىدىن 2014 - يىلى 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئۈرۈمچىدە كېسەل سەۋەبىدىن 67 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا ئۇيغۇر رەسسامچىلىقىدا ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن كۆپلىگەن نادىر ئەسەرلەرنى ياراتقان بولۇپ، ئۇنىڭ «يۈسۈپ خاس ھاجىپ»ك «شاتگۈل»ك «مەشرەپ» قاتارلىق رەسىملىرى خەلقارادا شۇنداقلا مەملىكەت ئىچىدە زور شۆھرەت قازانغان.
ئاتاقلىق رەسسام ئابدۇكېرىم نەسىرىدىن ئۆز كەسپىدىكى ئالدىراشلىقىغا قارىماستىنك ئۇ يەنە ئۇيغۇر رەسسامچىلىق ساھەسىدە يېتىلىۋاتقان كۆپلىگەن ياش ئۇيغۇر رەسساملىرىنى تەربىيلەپ، ئۇيغۇر رەسسامچىلىق مائارىپىغا زور ھەسسە قوشقان.
مەرھۇمنىڭ مېيىت نامىزى بۈگۈن يەنى 19 - نويابىر ئۈرۈمچىدىكى بەيتۇلمەمۇر مەسچىتىدە ئوقۇلغان بولۇپ، مەرھۇمنىڭ مېيىت نامىزىغا كۆپلىگەن ئۇيغۇر جامائىتى ئىشتىراك قىلغان.
ئاتاقلىق رەسسام، سەنەت ئەربابى ئابدۇكېرىم نەسىردىننىڭ مېيىت نامىزىنى چۈشۈرگەن، ئۈرۈمچىدىكى بەيتۇل مەمۇر مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاتاقلىق ئۆلۈما مۇھتەرەم ھاجىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەرھۇمنىڭ بۈگۈنكى مېيىت نامىزىنىڭ چۈشۈرۈلۈش ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئابدۇكېرىم نەسىردىنگئە بولغان ھۆرمىتى ھەققىدە توختالدى.
يۇقىرئىقى ئۇلىنىشتىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.
0:00 / 0:00