قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار ساتىرىك يازغۇچى ئابدۇخالىق ماھمۇدوفنى مۇبارەكلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2016-12-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ساتىرىك يازغۇچى ئابدۇخالىق ماھمۇدوف
قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ساتىرىك يازغۇچى ئابدۇخالىق ماھمۇدوف
RFA/Oyghan

1-دېكابىردا ئالمۇتا شەھىرىنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان گورنىي گىگانت مەھەللىسىگە ئورۇنلاشقان «دىلناز» كافېخانىسىدا تونۇلغان ساتىرىك يازغۇچى ئابدۇخالىق ماھمۇدوفنىڭ 70 ياشلىق تەۋەللۇتىغا بېغىشلانغان تەنتەنە بولۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭغا يىراق-يېقىندىن كەلگەن زىيالىيلار، يازغۇچىنىڭ كەسىپداشلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، يۇرتداشلىرى ۋە باشقىلار قاتناشتى. تەنتەنە داۋامىدا «دىيار» ئۇيغۇر ئانسامبىلى ۋە «ئىرادە» ئۇسسۇل ئانسامبىلىنىڭ ئورۇنلىشىدا ناخشا-ساز ۋە ئۇسسۇللار ئورۇنلاندى.

مۇراسىمدا سۆزگە چىققان قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ باشلىقى، يازغۇچى ۋە دراماتورگ ئەخمەتجان ھاشىرى ئابدۇخالىق ماھمۇدوفنىڭ 70 ياشلىق تەۋەللۇتىنىڭ قازاقىستاننىڭ بىرىنچى پرېزىدېنتى كۈنىگە ھەمدە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىللىقىنىڭ 25 يىللىقىغا توغرا كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ بىر ياخشىلىقنىڭ بەلگىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئەدەبىياتىنىڭ قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ھاياتىدا ئۇلۇغ بىر ساھە بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاتاپ كۆرسەتتى. ئۇ ئا. ماھمۇدوفنىڭ كىچىك پېئىللىق خىسلىتى بىلەن زامانغا لايىق ئەسەرلەر يارىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بايلارغا باي بولۇپ ئەمەس، بەلكى روھىي گادايلىقتىن گاداي بولماڭلار دەپ ئەسەر يېزىۋاتقانلىقىنى ئاتاپ كۆرسەتتى. ئەمدى سۆزگە چىققان قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى باشقارمىسىنىڭ ئەزاسى، ئالاش مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى مارالتاي رايىمبېكك ئوغلى ئا. ماھمۇدوفنىڭ قازاقىستان ئەدەبىياتىدا ئۆزىگە مۇناسىپ ئورنى بارلىقىنى، تەكىتلەپ، قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى رەئىسى نۇرلان ئورازالىننىڭ تەبرىكنامىسىنى تاپشۇردى.

مۇراسىمدا سۆزگە چىققان ئالمۇتا شەھەرلىك ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى شاۋكەت ئۆمەروف، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى باشقارمىسىنىڭ ئەزاسى، جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئېرشات ئەسمەتوف، شۇنداقلا «ئاسىيا بۈگۈن» گېزىتى، «ئىنتىزار» ۋە «ئاخبارات» ژۇرناللىرى، شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى، شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى، بېساغاش يېزىسىنىڭ يۇرت-جامائەتچىلىكى ۋەكىللىرى ۋە باشقىلار يازغۇچىنىڭ ئىجادىيىتىگە يۇقىرى باھالىرىنى بېرىپ، زور ئۇتۇقلار تىلىدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان م. ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ھەمرايېف ئا. ماخمۇدوفنىڭ ساتىرا ژانىرى ئارقىلىق ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى، جەمئىيەتنىڭ قانداق ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن، يېڭى كۈلكە مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسىنى سالغان تالانتلىق، ئىستېداتلىق يازغۇچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «ئومۇمەن ئا. ماھمەدوفنىڭ ئىجادىيىتى تارىخىي ۋەتىنىمىزدىكى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئىجادىيىتى بىلەن سېلىشتۇرۇشقا ئەرزىيدۇ. ئا. ماھمۇدوفنىڭ ئەسەرلىرى بىلال نازىمنىڭ ‹چاڭموزا يۈسۈپخان› دىن باشلانغان رىيال ساتىرا. ئۇنى ئۇيغۇرنىڭ ئېچىنارلىق تۇرمۇشىغا يېقىنلاشقان، بىزدىكى خۇنۈك ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېچىپ تاشلىغان ئەدىب دەپ قارايمىز.»

يازغۇچى ئا. ماھمۇدوف ئىجادىيىتىگە بېغىشلانغان مۇراسىمدا سۆزلىگۈچىلەر ئۇنىڭ يۇرت-جامائەتچىلىك ئىچىدە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى قوللاشتا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنى يۇقىرى باھالىدى.

ئالمۇتا ۋىلايىتى تالغىر ناھىيىسىگە قاراشلىق بېساغاش مەھەللىسى ئاكتىپلىرىنىڭ بىرى ئىسمايىلجان روزىيېفنىڭ پىكرىچە، ئا. ماھمۇدوف بولۇپمۇ ئۆزى تۇرۇۋاتقان رايوندا ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ۋە سىنىپلىرىنى ئېچىش ھەم ئۇلارنى ھاجەتلىك قوراللار بىلەن تەمىنلەش يولىدا پىداكارانە ئەمگەك قىلغان ئۇيغۇرنىڭ بىر مۇنەۋۋەر پەرزەنتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «1988-يىلى دەسلەپ ئالمۇتا شەھەرلىك ۋە كۆپ ئۆتمەي جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركەزلىرى قۇرۇلغاندا، ئۇنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشقان. مەلۇم تەجرىبىگە ئىگە بولغان ئۇ تالغىر ناھىيىلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنى قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ بۇ ناھايىتى مۇھىم ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا يېزىنىڭ ۋە ناھىيەنىڭ باشقا يۇرتلاردىكى مىللەتپەرۋەر ئاكتىپلىرىغا ئۇيغۇر سىنىپلىرى بار يېزىلاردىكى مۇئەللىملەرگە مۇراجىئەت قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ قىزغىن قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشتى. شۇنداق قىلىپ 1989-يىلى ماي ئېيىدا تالغىر ناھىيىلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇلدى ۋە رەسمىي رويخەتكە ئېلىندى. ئارىلىقتا بىر يىل ئۆتۈپ، ناھىيە مەركىزى تالغىردا ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنلىرىنى ئۆتكۈزۈشكە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۇنىڭ ئاساسىي ئۇيۇشتۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولدى. مەزكۇر مۇراسىم ناھايىتى داغدۇغىلىق ئۆتۈپ، موسكۋادىن مەركىزىي تېلېۋىزىيەنىڭ ‹ۋرېميا› پروگراممىسىدا كۆرسىتىلگەن ئىدى. 1996-يىلى يېزىمىزدىكى ئۇزۇن كوچىلارنىڭ بىرىگە ئاتاقلىق ئالىمىمىز مۇرات ھەمرايېف نامىنىڭ بېرىلىشى شۇ يېزىمىزدىكى جامائەتچىلىكنى چوڭ خوشاللىقا چۆمدۈرگەن ئىدى. مەلۇمكى، كۆپلىگەن ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ تۇرۇۋاتقان كوچىسىنىڭ نامىنى بىلگەن بىلەن، ئۇ شەخسنىڭ كىم ۋە قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى، خەلققە قانداق پايدىلىق ئىشلارنى قىلغانلىقىنى بىلىپ كەتمەيدۇ. شۇنى نەزەردە تۇتقان ھالدا مۇرات ھەمرايېفنى كوچا تۇرغۇنلىرى ۋە يېزا ئەھلىگە تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە كوچا بايرىمى ئۇيۇشتۇرۇلدى. شۇ ۋاقىتتا شەھەردىن كۆرنەكلىك ئۇيغۇر زىيالىيلىرى كېلىپ، مەزكۇر كوچا بايرىمىغا قاتناشقان ئىدى. يەنە شۇنى قوشۇمچە ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، 2009-يىلى ئىككىمىز بىرلىكتە «بېساغاشنىڭ ئۇيغۇرلىرى» ناملىق كىتابنى يېزىپ، نەشردىن چىقارغان ئىدۇق. كىتاب يېزىنىڭ تارىخى ۋە ئۇنىڭغا كېلىپ ئورۇنلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشتىكى ۋە بۈگۈنكى ھاياتى ئېنىق مەلۇماتلار بىلەن تەسۋىرلەنگەن.»

ئى. روزىيېف يازغۇچىنىڭ ئۆزى تۇرۇۋاتقان مەھەللىدە ۋە باشقىمۇ يېزىلاردىكى يۇرت-جامائەتچىلىك ئارىسىدا ئالاھىدە ئابرۇيغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى، تەنقىدىي ماقالىلىرىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ سۆيۈپ ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت