شائىر ئابلىز ھېزىم: مەن ئەدەبىياتتا نېمە يوق بولسا، شۇنى يازدىم

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2013.07.30

قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ژانىر جەھەتتىن بېيىشىدا ھەر دەۋر ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە. بەزى يازغۇچىلار پەقەت پروزىنى تاللاپ ئالغان بولسا، بەزىلىرى شېئىرىيەتنى ياكى دراماتورگىيىنى ئاساسىي ئىجادىيەت يۆنىلىشى قىلىپ تۇتقان.

ئەمدى ئەدەبىياتنىڭ ھەر خىل ژانىرلىرىدا ئۆز قەلىمىنى سىناپ كېلىۋاتقان ئەدىبلەر بولسا ئاز ئۇچرايدۇ.

شۇلارنىڭ بىرى شائىر ئابلىز ھېزىمنىڭ ئىجادىيىتى ھەم ژانىر، ھەم ماۋزۇ جەھەتتىن خىلمۇ-خىللىقى بىلەن باشقىلاردىن پەرقلىنىدۇ. ئۇنىڭ كېيىنكى يىللاردا نەشر قىلغان ئەسەرلىرى، شۇنداقلا مەتبۇئات سەھىپىلىرىدە ئۈزلۈكسىز بېسىلىۋاتقان ئەدەبىياتشۇناسلىققا ئائىت ماقالىلىرى بۇنىڭغا يارقىن ئىسپات بولالايدۇ.

شائىر ئابلىز ھېزىم رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز ئىجادىيىتىنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشلىرى بىلەن تونۇشتۇردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.