5-ئاپرېلدا ئالماتا شەھىرىنىڭ سۇلتانقورغان مەھەللىسىدىكى «ئارزۇم» كافېخانىسىغا جەم بولغان ئۇيغۇرلار 1990-يىلى 5-ئاپرېلدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارىن يېزىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق پاجىئەنىڭ 27 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. دەسلەپ مەھەممەت ھاجىم ئازادلىق ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن قۇربان بولغانلارغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇدى.
ئاساسىي دوكلات بىلەن سۆزگە چىققان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئۆز تارىخىنى بىلمىگەن خەلقنىڭ كېلەچىكىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئازادلىقى، ئەركىنلىكى ئۈچۈن ھەتتا جېنىنى قۇربان قىلىشقا تەييار بولۇش لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى، ئۇنىڭ جەڭگىۋار يولى، جەڭچىلەرنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن قەھرىمانلىقى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ق. غوجامبەردى شۇنداقلا بارىنلىقلارنىڭ ئومۇمەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە قوشقان تۆھپىسىنى، بۇ قوزغىلاڭنىڭ ئەھمىيىتىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قوزغىلاڭنى رەھىمسىز باسقانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ناتىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ ئەلدىكى باستۇرۇش سىياسىتى، رابىيە قادىر باشلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى پائالىيەتلىرى، مىللىي داۋادا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيىلەش ۋە باشقىمۇ مەسىلىلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
ئاندىن سۆزگە چىققان ياش پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرى ئىلشات ئىمىنوف ئەپەندى، يېقىندا بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، قانۇنىي بىلىملەر بىلەن تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.
دۇنيا ئۇيغۇرلىرى ئاياللار كومىتېتى رەئىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە ئورۇنباسارى ئاسىيەم تۇردىيېۋا ئۆز سۆزىدە ۋەتەن مۇستەقىللىقىنى، مىللىي داۋانى تەشۋىق قىلىشنىڭ ھەر بىر ئۇيغۇر ئۈچۈن مۇقەددەس ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يولدىكى ھەرىكەتلىرىنى جانلاندۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى، شۇنداقلا بۇ ئىشقا بولۇپمۇ ياشلارنى جەلپ قىلىش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
«ئىنايەت» جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى تەلەت ھەمرائېف قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى رولى، ئالماتا شەھىرى دوستلۇق مەھەللىسىنىڭ تۇرغۇنى ئارۇپجان مۇسايېف رۇسىيەنىڭ ھەم كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ھەم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا ئېلىپ كەلگەن ئازاب-ئوقۇبەتلىرى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ شۇنداقلا بېلگىيەدە تەربىيىلەش كۇرسىدا بولۇپ قايتقان ياشلارغا چوڭ ئۇتۇقلار تىلىدى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شەھەربانۇم سەيدۇللايېۋا مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە مۇنداق دېدى: «مەن بۈگۈن ئىنتايىن تەسىرلەندىم. بارىن ۋەقەسى بىزدە ۋەتەن داۋاسىنى ئېلىپ بېرىشتا چوڭ رول ئوينىدى. بىز بۇ داۋانى ھېچقاچان توختاتماسلىقىمىز كېرەك. ۋەتەندىكى خەلقىمىز شۇنچىلىك بېسىم ئاستىدا بولسىمۇ، ھەر دائىم ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى، ئىنسانىي ھەقلىرى ئۈچۈن كۈرىشىپ كېلىۋاتىدۇ. بىز شۇ خەلقىمىزنى دائىم قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىمىز كېرەك. خەلقىمىزگە مۇشۇ يەردە يىغىندا بولغان گەپ-سۆزلەرنى يەتكۈزۈپ، مىللىي داۋانى قوللاپ-قۇۋۋەتلەشتە چوڭ ئىشلارنى ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك.»
ئالماتا شەھىرىنىڭ گورنىي گىگانت مەھەللىسىنىڭ تۇرغۇنى تىلىۋالدى قۇربانوف مەزكۇر پائالىيەتتە سۆزگە چىققانلارنىڭ ۋەتەن داۋاسى، مۇستەقىللىق، ئەركىنلىك، مىللىي روھ ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىگە يۇقىرى باھاسىنى بېرىپ، مۇنداق دېدى: «ھازىر ئۇيغۇرلاردا بولۇۋاتقان ۋەقەلەرنى ئاڭلىساق، ئىچىمىز سىيرىلىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۆيۈنىمىز. ھازىر بىزدە مۇستەقىللىققا يېتىشتىن ئۇلۇغ نەرسە يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ بىزگە كېرەك. مېنىڭ دەيدىغىنىم، بىلىم ئالايلۇق. كېلەچەكتە ۋەتىنىمىزنىڭ ئازاد بولۇشىغا بىزگە بىلىملىك ئادەملەر كېرەك.»
ئۇ ئۆز سۆزىدە، قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ رابىيە قادىر رەھبەرلىكىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرىشكە تىرىشىشى لازىملىقىنى، پەقەت بىرلىك، ئىتتىپاقلىق بار يەردە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئالدىدا تۇرغان ئۇلۇغ مەقسەت-نىشانلارغا يېتىش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.