«بۆرىلەر ۋادىسى تۇزاق» ناملىق فىلىمدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى

تۈركىيىنىڭ ئا تى ۋى تېلېۋىزىيە قانىلىدا تارقىتىلىۋاتقان «كۇرتلار ۋادىسى پۇسۇ» يەنى «بۆرىلەر ۋادىسى تۇزاق» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمىدە يېقىندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى كۆپلەپ تىلغا ئېلىۋاتىدۇ.

0:00 / 0:00

كۆپ قىسىملىق بۇ فىلىمدە ئالىم مۇزەپپەر ئىسىملىك بىر ياش ئالىپتېكىن ئىسىم بىلەن رول ئېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ فىلىمدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا بىر قانچە قېتىم توختىلىپ ئۆتۈلدى.

«بۆرىلەر ۋادىسى تۇزاق‏» ناملىق كۆپ قىسىملىق فىلىمدە ئالىپتېكىننىڭ رولنى ئېلىۋاتقان ئۇيغۇر ياش ئالىم مۇزەپپەر.
«بۆرىلەر ۋادىسى تۇزاق‏» ناملىق كۆپ قىسىملىق فىلىمدە ئالىپتېكىننىڭ رولنى ئېلىۋاتقان ئۇيغۇر ياش ئالىم مۇزەپپەر. (RFA/Arslan)

بۇ فىلىم تۈركىيىدە ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ھەر پەيشەنبە كۈنى كەچتە تارقىتىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ بۇ فىلىم ھەر ھەپتىدە شۇ ھەپتە ئىچىدىكى دۇنيانىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى بىلەن تۈركىيە ۋەزىيىتىنى باغلاش ئارقىلىق دۇنيادا ۋە تۈركىيىدە يۈز بېرىۋاتقان سىياسىي ئۆزگىرىشلەر شۇنداقلا تۈركىيە ئىچىدىكى دۆلەت بىخەتەرلىك تەشكىلاتى بىلەن مىنىستىرلار ئوتتۇرىسىدىكى پىكىر-ئىختىلاپلار شۇنداقلا تۈركىيىدىكى يوشۇرۇن قارا كۈچلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ۋە تۈركىيىنىڭ كەلگۈسىگە ئالاقىدار پىلان-لايىھىلەر توغرىسىدىكى تالاش-تارتىش ۋە بەس-مۇنازىرىلەر، تېلېۋىزىيە كۆرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان نۇقتا بولۇپ بۇ فىلىم پۈتۈن تۈركىيە خەلقىنىڭ ئالاھىدە قىزىپ كۆرۈۋاتقان كۆپ قىسىملىق فىلىملەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

«بۆرىلەر ۋادىسى تۇزاق‏» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمىدە، باش رولچى پولات ئەلەمدار ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىنىڭ قەھرىمانلىقى، ئادالەت ئۈچۈن ئۆلۈمدىن قورقماس ئىرادىسى، ناھەقچىلىككە بولغان غەزەپ-نەپرىتى، مەزلۇملارغا كۆرسەتكەن شەپقەتلىرى بىلەن ئىنتايىن تەسىرلىك رول ئوينىغان.

«بۆرىلەر ۋادىسى تۇزاق» ناملىق فىلىمنىڭ ئىلگىرىكى قىسىملىرىدا، بىر ئۇيغۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياشلاردىن تەركىب تاپقان بىر گۇرۇپپىنى تۈركىيىدە ئالاھىدە تەربىيىلەپ يېتىشتۇرۈلگەنلىكىنى ۋە بۇلارنىڭ، «ئادرىياتىكتىن سەددىچىن سېپىلىگە پۈتۈن تۈركىستان جۇغراپىيىسىدە» خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى، ئۇنىڭدىن كېيىنكى قىسىملىرىدىمۇ، باش رولچى پولات ئەلەمدار، شەرقىي تۈركىستاننىڭ چوقۇم ئازاد بولىدىغانلىقىنى دەپ ئۆتكەن ئىدى.

فىلىمدە يەنە ئابدۇلھەي ئىسىملىك رولچى سەپداشلىرىغا سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستانغا كېتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ۋە ئۇ يەردىكى ئىنسانلار بىلەن چىراي تۇرقى ئوخشاپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ بىخەتەر ياشىيالايدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

بۇ فىلىمنىڭ ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى تارقاتقان قىسمىدا بولسا، ئۇيغۇر رولچى ئالىپتېكىننى، ئۇنىڭ سەپدىشى، دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى، ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرىغا تونۇشتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا خىتايغا قارشى كۈرەش قىلغان تەجرىبىلىك ياش ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىدۇ. بۇ فىلىمنىڭ ھەر قېتىملىق قىسمىدا ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئېلىشى، تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە قىزىقىشىغا تۈرتكە بولدى.

«بۆرىلەر ۋادىسى تۇزاق» ناملىق بۇ فىلىم رېئال دۇنيانى ئەكس ئېتىش بىلەن كىشىلەردە ئالاھىدە تەسىر قالدۇرغان بىر فىلىم بولغانلىقى ئۈچۈن ھەر پەيشەنبە ئاخشىمى پۈتۈن تۈركىيە خەلقى دىققەت بىلەن كۆرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

بۇ فىلىمدە پولات ئەلەمدارنىڭ رولىنى ئېلىۋاتقان باش رولچى نىجاتى شاشماز ئەپەندى ئۆتكەن يىلى تېلېۋىزىيە قانىلىدا مۇخبىرنىڭ، «بۇنىڭدىن كېيىن قانداق بىر فىلىم ئىشلەش پىلانىڭلار بار» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، «كۇرتلار ۋادىسى شەرقىي تۈركىستان» ياكى «كۇرتلار ۋادىسى بوسىنىيە» دېگەنگە ئوخشاش فىلىم ئىشلەشنى ئويلاۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك «بۆرىلەر ۋادىسى تۇزاق» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمى ئۇيغۇر دىيارىدا چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدا ئۇچۇرلار تارقالدى. بۇ خەۋەر تۈركىيىدىمۇ قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى ۋە پۈتۈن ئاخباراتلاردا بۇ ھەقتە بەس-مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلدى. ھەتتا بۇ ھەقتە، «2013-يىلى خىتايدا تۈركىيە مەدەنىيەت يىلى بولۇۋاتقان بىر پەيتتە خىتاي تۈركىيە فىلىملىرىنى چەكلەشكە باشلىدى» دېگەنگە ئوخشاش باش تېمىدا ماقالىلەر ئېلان قىلىندى.

بىز «بۆرىلەر ۋادىسى تۇزاق‏» ناملىق كۆپ قىسىملىق فىلىمدە ئالىپتېكىننىڭ رولنى ئېلىۋاتقان ئۇيغۇر ياش ئالىم مۇزەپپەر ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى تەكلىپ قىلدۇق، ئەمما مۇزەپپەر ئالىم ئەپەندى ئۇ فىلىمنى ئىشلەۋاتقان پانا فىلىم شىركىتى بىلەن تۈزۈلگەن توختام بويىچە ئاخباراتلاردا سۆز قىلىش ئۈچۈن رۇخسەت ئېلىش كېرەكلىكىنى، شىركەتتىن رۇخسەت ئالغاندا چوقۇم ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا، «بۆرىلەر ۋادىسى تۇزاق‏» ناملىق فىلىم توغرىسىدا سۆزلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز بۇ فىلىمنى كۆرۈۋاتقان تۈركىيىلىك بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. بۇ فىلىمنى باشتىن ئاخىرى كۆرۈپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلاردىن ئازادجان بۇغرا ئەپەندى بۇ فىلىم ھەققىدە پىكىر-قاراش ۋە تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ بەردى ۋە بۇ خىل فىلىملەردە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنىشى بۇ مەسىلىنىڭ خەلقئارالىشىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.