ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى پائالىيەتتە ئۇيغۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى

0:00 / 0:00

19-، 20 ‏- دېكابىر كۈنلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى پائالىيەتتە ئۇيغۇرلارمۇ تونۇتۇلدى. ئەنقەرەنىڭ ساياھەت رايونلىرىدىن بىرى بولغان ئەنقەرە قەلئەسىدە «تۈركىي مىللەتلەر كۈلتۈر ئۆيى» ئېچىلدى. 19-كۈنى ئەنقەرە كۆلبېشى رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك دۇنياسى شائىر ۋە سەنئەتچىلەر ئۇچرىشىشىغا ئىراق، سېپرۇس، ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن شائىر ۋە سەنئەتچىلەر قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇر شائىرە نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىم بىلەن ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندىلەرمۇ قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. بۇ ئىككىلا پائالىيەتكە ئەزەربەيجان پارلامېنت ئەزاسى پاشايەۋا خانىم، پروفېسسور دوكتور خانىم خالىلوۋا، قىرىملىق تاتار شائىرە مەريەم باشقۇرت ۋە سافىيە ئولگۇن، ئىراقلىق يازغۇچى شەمسەتتىن كۈزەچى قاتارلىق كىشىلەر قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

مەركىزى ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق بىرلەشكەن يۈرەكلەر جەمئىيىتى بىلەن كەركۈك كۈلتۈر مەركىزى ئورتاق ئۇيۇشتۇرغان تۈرك دۇنياسى شائىر ۋە سەنئەتچىلەر ئۇچرىشىشى جەريانىدا 20-دېكابىر كۈنى ئەنقەرە قەلئەسىدە تۈركىي مىللەتلەر كۈلتۈر ئۆيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىمۇ ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇراسىمغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شائىرە نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىم، ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى، ئازادجان بۇغرا ئەپەندى ۋە ئابدۇرېشىت قارلۇق ئەپەندىلەر قاتناشتى. مەزكۇر ئۆيگە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت بۇيۇملىرىدىن ئۆرنەكلەر قويۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆك بايرىقى، ئۇيغۇر كىيىم-كېچەكلىرى ۋە ئۇيغۇرلار تۈركىيەدە نەشر قىلدۇرغان كىتاب ۋە ژۇرناللارمۇ قويۇلغان. ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان بىرلەشكەن يۈرەكلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياسەمىن مەيداننىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر كۈلتۈر ئۆيى تۈركسوي يەنى خەلقئارا كۈلتۈر تەشكىلاتى ۋە تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت، سەنئەت مۇنبىرىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن ئېچىلغان بولۇپ، كۈلتۈر ئۆيىدە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت، سەنئىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بۇيۇملار كۆرگەزمە قىلىنغاندىن سىرت، تۈركىي مىللەتلەر تونۇتۇلغان دوكلات بېرىش يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇلىدىكەن.

بىز بۇ پائالىيەتلەر ھەققىدە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى ۋە ئازادجان بۇغرا ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئازادجان بۇغرا ئەپەندى ئەنقەرەنىڭ ئەڭ مۇھىم ساياھەت رايونى بولغان ئەنقەرە قەلئەسىدە تۈركىي مىللەتلەر كۈلتۈر ئۆيىنىڭ ئېچىلىشىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن زور پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.