گېرمانىيەدە ئىككى جۇمھۇرىيەت ۋە «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» خاتىرىلەندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2015-11-16
Share

د ئۇ ق رەھبەرلىرى بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 14-نويابىر ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى جۇمھۇرىيەتنى قۇتلاش ۋە «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركىيە، ئەنگلىيە، ئىرېلاندىيە، فىرانسىيە، گوللاندىيە، ئىتالىيە، ئاۋسترىيە، شۋېتسارىيە، شىۋېتسىيە، نورۋېگىيە، ۋېنگىرىيە قاتارلىق 16 دۆلەتتىن كەلگەن ۋەكىللەر، گېرمانىيەدە ئىقتىداردا تۇرۇۋاتقان خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيىسى، يېشىللار پارتىيىسى، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ باۋارىيەدىكى مەسئۇللىرى، ئۇندىن باشقا خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ۋېنگىرىيەدىن كەلگەن خەلقئارا ھونلار قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرى، گېرمانىيەدىكى تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، كونسۇللار، ئۇيغۇر دەۋاسى تەتقىقاتچىلىرى، ئادۋوكاتلار بولۇپ، 150 تىن ئارتۇق كىشى سىرتتىن كېلىپ قاتناشقان.

بىز 14-نويابىر بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلىپ، نەق مەيداندىن ئۇچۇر ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق. پائالىيەتنى د ئۇ ق، «گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللار كومىتېتى» ۋە «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى» بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن.

پائالىيەتكە گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرھات مۇھەممىدى، نادىرە ئىلھام ۋە ئىلغارجانلار رىياسەتچىلىك قىلدى. مەزكۇر پائالىيەت د ئۇ ق نىڭ تور تېلېۋىزىيىسى ئارقىلىق نەق مەيداندىن دۇنياغا تارقىتىلدى. د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 14-نويابىر كۈنى ئۇ، بىر قىسىم خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بۇ قوش مۇراسىم ھەققىدە بايانات بەرگەن.

ئالدى بىلەن 13-نويابىر فىرانسىيەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغان كىشىلەر ئۈچۈن بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇش، ئاندىن «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشى» نى ئوقۇش بىلەن مۇراسىم پەردىسى رەسمىي ئېچىلدى.

كىشىلەر ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، ئىستىقلال مارشى ئاخىرلاشقۇچە ھۆرمەت بىلدۈرۈشتى. سەھنىگە چوڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ئېسىلغان، پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرچە كىيىنگەن، زال ئىچىنى مىللىي كەيپىيات ئىگىلىگەن ئىدى.

ئىككى جۇمھۇرىيەتنى قۇتلاش ۋە «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى گېرمانىيە ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ قۇرغۇچىسى خالىسە خانىم باشچىلىقىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ «قەشقەر قىزى» ناملىق ئۇسۇلىنى سەنئەت مۇقەددىمىسى قىلدى. زال ئىچىنى گۈلدۈراس ئالقىشلار قاپلىدى. نەپىس ئۇيغۇرچە ئۇسۇل كىشىلەرنى جەلپ قىلدى.

ئۇسۇلدىن كېيىن، قازاقىستاندىن كەلگەن «تارىم ئۇيغۇر ئانسامبىلى» نىڭ سەنئەتكارلىرى ناخشا-مۇزىكىلار تەقدىم قىلدى، ئاندىن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى ئىككى جۇمھۇرىيەتنى قۇتلاش ۋە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش ھەققىدە قىسقىچە نۇتۇق سۆزلىگەندىن كېيىن، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دەۋاسىنى قوللاپ كەلگەن گېرمانىيەدىكى خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيىسى، يېشىللار پارتىيىسى، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ باۋارىيەدىكى مەسئۇللىرى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ۋەكىللىرى، ئادۋوكاتلار بولۇپ بىر قىسىم چەتئەللىك زاتلارنى سەھنىگە تەكلىپ قىلدى.

مارگارىتا باۋزې، ئۇلرىك دېليۇس، ئالبېرىكت گۆرۈڭ قاتارلىقلار خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىنى قوللاشتىكى مەقسەتلىرى، 20 يىلدىن ئارتۇق زاماندىن بېرى بۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرى قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتۈشتى. ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىلىرى ئۈچۈن تەشكىلات ۋە ئۇيغۇرلار نامىدىن خاتىرە بۇيۇملار تەقدىم قىلدى. زال ئىچىنى يەنە بىر قېتىم ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئالقىشلار قاپلىدى.

گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى جۇمھۇرىيەتنى قۇتلۇقلاش ۋە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ 1-كۈنىدىكى پروگراممىلارنىڭ بىر قىسمىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت