ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2013.11.12
jumhuriyet-kuni-namayish-washington.JPG ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى. 2013-يىلى 12-نويابىر، ۋاشىنگتون.
RFA

بۈگۈن 12‏-نويابىر ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى. بۇ پائالىيەتنى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق‏-دېموكراتىيە فوندى ئۇيۇشتۇرغان.

نامايىش دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ نۇتقى بىلەن باشلاندى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كېلىپ نامايىشقا قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەسئۇللىرى ئارقا ‏- ئارقىدىن نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان يوقىتىش خاراكتېرىدىكى سىياسەتلىرىنى ئەيىبلىدى.

شۇ كۈنى نامايىشتىن ئاۋۋال ئۇيغۇرلار ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىدا توپلىنىپ، قەشقەرنى مەركەز قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە غۇلجىنى مەركەز قىلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 ۋە 69 يىللىقىنى خاتىرىلىگەن ئىدى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.