موسكۋادا چاقىرىلغان ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا نېمىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى؟

0:00 / 0:00

23-چېسلادىن 26-چېسلاغىچە داۋاملاشقان يىغىندا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، ھىندىستان، گېرمانىيە، شىۋېتسارىيە، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە، تۈركىيە، تەيۋەن، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدىن بولۇپ 53 ئەتراپىدا مۇتەخەسسىس ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەييارلىغان ئىلمىي دوكلاتىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇيغۇر زىيالىيسى مەمەتئىمىن ئەلا ئەپەندى تۈنۈگۈنكى پروگراممىمىزدا يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان مۇتەخەسسىسلەرنى ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر، رۇسلار ۋە ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەر دەپ ئۈچكە ئايرىشقا بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر توغرىسىدا توختىلىمىز.

مەزكۇر يىغىندا ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن تەتقىقاتچىلارنىڭ دوكلاتى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. يىغىندا ئامېرىكا ئاۋگۇستا ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى كاترىس ساندرىنە ئەممانىۋېل خانىمنىڭ «مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا ماۋ زېدۇڭنىڭ ئىدېئال ياشلارنى شەكىللەندۈرۈشى ۋە بۇ ھەقتىكى تەشۋىقاتى» ماۋزۇلۇق ماقالىسى بىلەن ئاۋسترالىيە لا تروبې ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى لەئىبولد جامەس ئەپەندىنىڭ «خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپى توغرىسىدا» ماۋزۇلۇق دوكلاتى ۋە ئەنگلىيە سۇسسەخ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى مېكمۇراي جامېسنىڭ «تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرغا ئايلىنىش» ماۋزۇلۇق ماقالىلىرىدە نېمىلەرنى ئاڭلاتقانلىقىنى بايان قىلىمىز.

ئاۋسترالىيەدىن كەلگەن ئۇيغۇر تەتقىقاتچى مەمەتئىمىن ئەلا ئەپەندى بىلەن يىغىن زالىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، يىغىندا بېرىلگەن ئىلمىي دوكلاتلار توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، ئالدى بىلەن يىغىندا ئوقۇپ ئۆتۈلگەن دوكلاتلارنى تېماتىك جەھەتتىن تەھلىل ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.