تۈركىيەدە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋە «ئىز» رومانى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار كۈچەيمەكتە
2017.10.11
تۈركىيەدە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەسەرلىرى ۋە «ئىز» رومانى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار ئىزچىل كۈچەيمەكتە.
ئۇيغۇرلارنىڭ داڭلىق شائىرى ۋە يازغۇچىسى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى تۈركىيەدە ئەڭ ياخشى تونۇلغان. ئۇنىڭ «ئىز» رومانى ئىستانبۇلدىكى بويالىقۇش نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. ئۆتكەن ئاي نەشر قىلىنغان، تاش ۋارىقىغا «ئىز-ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش كۆرۈشى» دېگەن خەت يېزىلغان ئەسەر تۈركىيەدە ھەر قايسى كىتابخانىلاردا ۋە قايناق نەشرىياتىنىڭ ئىنتېرنېت ئارقىلىق سېتىش تورىدا سېتىلىشقا باشلىدى.
تونۇلغان يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» رومانىدا 1912-يىلىدىكى تۆمۈر خەلىپە قوزغىلىڭى بايان قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر ئەسەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى مۇھىم تارىخىي رومان ھېسابلىنىدۇ. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئەسەرلىرى توغرىسىدا تۈركىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەتقىقاتلار ۋە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر نېمە؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئايخان چېلىكباي ئەپەندى ۋە شىۋېتسىيەدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى زۇلھايات ئۆتكۈر خانىملار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
زۇلھايات ئۆتكۈر خانىم بوۋىسىنىڭ «ئىز» رومانىنىڭ تۈركلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى، ئەدەبىياتىنى ۋە ئۆرپ -ئادەتلىرىنى تونۇتۇش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى داڭلىق يازغۇچى ۋە شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» رومانىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئەسەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
1991-يىلىدا سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن تۈركىيەدە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىياتى توغرىسىدىكى تەتقىقاتلار يېڭى بىر باسقۇچقا كىردى. ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇر يازغۇچى-شائىرلىرى توغرىسىدا ئىلمىي ماقالىلەر يېزىلىشقا باشلىدى. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ شېئىرلىرى توغرىسىدا غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ھۈليا قاساپوغلۇ خانىم 1994-يىلى «ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ شېئىرلىرى توغرىسىدا تەھلىل» ماۋزۇلۇق دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسىنى يازدى. مەزكۇر ئىلمىي ماقالە 1998-يىلى تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى 25 يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىدا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ئوقۇتقانلىقىنى، «ئىز» رومانى توغرىسىدا دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسى يازدۇرغانلىقىنى، بۇ رومان توغرىسىدا كۆپ ساندا ئىلمىي ماقالىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئايخان چېلىكباي ئەپەندى تۈركىيەدە ئۇيغۇرچە رومان، ھېكايە ۋە شېئىر تەرجىمىسىدە ياخشى ئۇيغۇرچە بىلىدىغان تۈرك ئەدەبىياتچىلارنىڭ ئازلىقى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتچىلارنىڭ كەمچىل بولۇشىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تۈركىيەدە يېتەرلىك دەرىجىدە تونۇلمايۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
تۈركىيەدە يەنە يازغۇچى سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ «سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان» ناملىق تارىخى رومانى 2000-يىلىدا ئەنقەرەدىكى ئوجاق نەشرىياتى تەرىپىدىن، پەرھات جىلاننىڭ «مەخمۇت قەشقىرى» ناملىق تارىخىي رومانى 2015-يىلى ئىستانبۇلدىكى كاكنۇس نەشرىياتى تەرىپىدىن، ئەخمەتجان ھاشىرىينىڭ «ئىدىقۇت» ناملىق تارىخىي رومانى 2015-يىلىدا ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن تۈرك تىلىدا نەشر قىلىنغان ئىدى.