ئاۋسترالىيەنىڭ ئادىلايد شەھىرىدە جۇمھۇرىيەت بايرىمى خاتىرىلەندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابىدە
2013.11.19
awstraliye-ikki-jumhuriyet-1.jpg ئىككى قېتىم قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ خاتىرە كۈن پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 17-نويابىر، ئاۋسترالىيە.
RFA/Abide

17-نويابىر كۈنى ئاۋسترالىيەنىڭ ئادىلايد شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار جەم بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئىككى قېتىم قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ خاتىرە كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

بۇ پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستانلىقلار ۋە جەنۇبىي ئاۋسترالىيە شتاتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى، پارلامېنت ئەزالىرى ھەمدە قارشى پارتىيە ۋەكىللىرى قاتناشتى.

پائالىيەت يۈسۈپجان قارىمىنىڭ قۇرئان تىلاۋەت قىلىشى، ئاۋسترالىيە ھەم شەرقىي تۈركىستان دۆلەت مارشنى ئورۇنلاش بىلەن باشلاندى. بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتنىڭ مېھمانلىرى بولغان جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى، پارلامېنت ئەزالىرىدىن تونى زەپىيا ئەپەندى، دەيۋىد پىسۇينى ئەپەندى، فرانسىز بەدۇرد خانىم، لىبى ھويگارس خانىم قاتارلىقلار، شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇلغوپۇر مۆمىن ئەپەندىلەر تەكلىپ بىلەن سۆزگە چىقىشتى.

خىزمەت ئۈچۈن سەپەر تەييارلىقى كۆرگەن، ئالدىراش تۇرۇپمۇ بۈگۈنكى پائالىيەتكە ئالاھىدە ۋاقىت چىقىرىپ قاتناشقان توينى زەپىيا ئەپەندى سۆز قىلدى.

جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر تىلى مەكتىپى ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بۇ پائالىيەتكە نومۇرلارنى تەييارلاپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نەپىس ئۇسسۇللىرى، ۋەتەن توغرىلىق شېئىر، نەسىر، دىكلاماتسىيەلىرى بىلەن پائالىيەتكە قاتناشقان مېھمانلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغان بولسا، «تەڭرىتاغ ئانىلار گۇرۇپپىسى» دىكى خانىملار تەييارلىغان ئوخشىغان ئۇيغۇر تائاملىرى بىلەن پىشۇرۇقلىرى پائالىيەت كەيپىياتىنى يەنە بىر پەللە يۇقىرى كۆتۈردى.

پائالىيەتتىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇلغوپۇر مۆمىن ئەپەندى ئۆز تەسىراتىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پائالىيەتكە قاتناشقان مېھمانلار پائالىيەتتىن كىيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

باشتىن-ئاخىرى ئىنتايىن جانلىق ھەم قىزغىن كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلغان بۇ پائالىيەت چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە باشلىنىپ سائەت 6 دە ئاياغلاشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.