شەرق كوممۇنىستىك ئەمگەكچىلەر ئۇنىۋېرسىتېتى - موسكۋانىڭ ئىدىيىۋى تەربىيە مەركىزى
2013.05.06

رۇسىيە بولشېۋىكلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1921 - يىلى، 10 - فېۋرال كۈنىدىكى قارارى ۋە رۇسىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى پۈتۈن رۇسىيە مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ 21 - ئاپرىل كۈنىدىكى پەرمانىغا ئاساسەن 1921 - يىلى، 21 - ئۆكتەبىر كۈنى موسكۋادا سوۋېت رۇسىيىسىدىكى مىللەتلەر ۋە باشقا ئاسىيا مىللەتلىرىدىن كېلىپ چىققان كوممۇنىستىك ئىنقىلاب رەھبەرلىرى ۋە ھەربىي - سىياسىي كادىرلىرىنى تەربىيىلەش شۇنىڭدەك سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۇنياۋى تەسىرىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس ئۇنىۋېرسىتېت - شەرق كوممۇنىستىك ئەمگەكچىلەر ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلدى.
بۇ ئۇنىۋېرسىتېت تاكى 1938 - يىلىغىچە 18 يىل داۋاملىشىپ، دۇنيا كوممۇنىستىك ئىنقىلابى رەھبەرلىرى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەر قايسى مىللەت سىياسىي كادىرىلىرىنى يېتىشتۈردى. مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەنلەر ئۆز مەملىكەتلىرىدە كوممۇنىستىك ئىنقىلاب ۋە مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۆز مەملىكەتلىرىنىڭ داھىيلىرىغا ئايلاندى.
موسكۋا مانا بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا 1920 - 1930 - يىللىرىدا قىسىم ئۇيغۇرلارنىمۇ تەييارلىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسىمى 1930 - ۋە 1940 - يىللاردىكى مىللىي ئىنقىلابقا قاتناشتى ھەم يېتەكچىلىك قىلدى.
سوۋېت ئىتتىپاقى مەخسۇس گومىنداڭ ۋە كومپارتىيە ئۈچۈنمۇ ئايرىم ئۇنىۋېرسىتېت قۇرغان ھەمدە 1920 - 1930 - يىللىرى ئارىسىدا 3 مىڭدىن ئارتۇق گومىنداڭ ۋە كومپارتىيە ھەربىي - سىياسىي رەھبىرى كادىرىنى تەربىيىلەپ، خىتايغا ئەۋەتكەن ئىدى.
تەپسىلاتىنى ئۆز مۇخبىرىمىز ئۇمىدۋاردىن ئاڭلاڭ.