غەرب دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلار (1A)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.01.21
muhemmet-imin-bughra.jpg مۇھەممەدئىمىن بۇغرا(ئالدىنقى رەت ئوڭ تەرەپتە قارا كىيىملىك) خوتەننىڭ ئۆلىماسى بىلەن. 1933-يىلى خوتەن.
http://en.wikipedia.org

مۇقەددىمە: ئەركىنلىك مەنزىلى ئىزدەپ (ئا)

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان غەرب ئەللىرىدە جىددىي رەۋىشتە شەكىللىنىۋاتقان ئۇيغۇر كۆچمەن توپلۇقلىرى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى سىرتىدىكى ئەڭ چوڭ جامائىتى گەرچە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردە بولسىمۇ، ئەمما 1950-يىللاردىن كېيىن تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب دۇنياسىدا ئۇيغۇر كۆچمەنلەر توپى تېز سۈرئەتتە زورايماقتا.

بۈگۈنكى ھايات شاھىتلار ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە ۋە بۇ يەردىن غەرب ئەللىرىگە كېلىشىنى 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى زور ھىجرەت دولقۇنىغا باغلايدۇ.

شاھىتلارنىڭ ئەسلىمىلىرىگە قارىغاندا، 1949-يىلىنىڭ ئاخىرى خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كىرىشى بىلەن نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر ۋە قازاقلار ئۆز ۋەتىنىنى تاشلاپ يات ئەللەرگە ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. زېمىستان قىش پەسلىدە ھىمالايا تاغلىرىدىن ئۆتكەن مىڭلىغان كۆچمەنلەر ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز مۇشەققەتلەر بىلەن ھىندىستاننىڭ كەشمىر رايونىغا يېتىپ بارىدۇ.

بۇ يىل 86 ياشقا كىرگەن غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى نيۇيوركتىكى ئۆيىدە تۇرۇپ بۇ ھەقتە رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى ۋە بۇنىڭدىن 67 يىل ئىلگىرىكى كەچمىشلىرىنى ئەسلىمە قىلدى:

«مەن 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن ۋە ئۇيغۇر رايونىنىڭ باشقا جايلىرىدىن ھىندىستانغا ھىجرەت قىلغان مىڭلىغان كىشىلەرگە قوشۇلۇپ زىمىستان قىشتا ھىمالايا تاغلىرىدىن ئۆتتۈم ۋە ھىندىستاننىڭ كەشمىر رايونىدىكى سىرىناگار شەھىرىگە كەلدىم. شۇ چاغدا ھىندىستاننىڭ كەشمىر رايونى ئۇيغۇر ۋە قازاق مۇھاجىرلار بىلەن تولغان ئىدى. نۇرغۇن كىشى ھىمالايا تاغلىرىدا سوغۇقتىن مۇزلاپ ياكى ئىس-تۈتەكلىك ھاۋادىن زەھەرلىنىپ ئۆلدى. مەن كەشمىرگە يېتىپ بارغاندا ئۇ يەردە قۇرۇلغان ‹شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلار ئۇيۇشمىسى› غا رەئىس بولۇپ سايلانغان تاغام ئەبەيدۇللادىن ‹11 مىڭ 500 كىشىنىڭ كەشمىرگە يېتىپ كەلگەنلىكى، يولدا 400 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى› نى ئاڭلىدىم.»

غۇلامىدىن ئەپەندىنىڭ ئەسلىمىسىگە قارىغاندا، ئەينى چاغدىكى ھىندىستان ھۆكۈمىتى زىمىستان قىشتا كەشمىرگە يېتىپ كەلگەن بۇ زور ساندىكى ئۇيغۇر كۆچمەنلەرنى باشقا ئەللەرگە كېتىشكە قىستايدۇ.

مۇھەممەتئىمىن بۇغرا بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن رەھبەرلىكىدە كەشمىردە قايتا تەشكىللەنگەن «شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلار كومىتېتى» ئەينى ۋاقىتتا دوكلات يېزىپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئامېرىكا ۋە تۈركىيە ھۆكۈمەتلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي تۈركىيە ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرىدىن جاۋاب كېلىدۇ. بۇ چاغدا كەشمىردە ۋاقىتلىق تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى يا تۈركىيەگە كېتىش ياكى غەرب ئەللىرىگە كېتىش توغرىلىق قىيىن تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 7 نەپەر ياش ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇش يولىنى تاللايدۇ. قالغانلارنىڭ ھەممىسى تۈركىيەگە بېرىپ يەرلىشىش يولىنى تاللايدۇ. ئامېرىكىغا كەتكەن ياشلار كېيىنچە تۈركىيەگە قايتىپ كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە داۋۇت ئوسمان ئىسىملىك ئۇيغۇر ياش ئامېرىكىغا يەرلىشىپ، بۇ يەردىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلاردىن بولۇپ قالىدۇ.

ھازىر ئىستانبۇلدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ھامىدخان كۆكتۈرك ئەپەندى ئەينى چاغدا كەشمىردە قامىلىپ قالغان ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىدىن 2 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمى بىلەن 1952-يىلى تۈركىيەنىڭ قەيسەرى ۋىلايىتىگە يەرلەشتۈرۈلگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىرىنچى تۈركۈمدىكى بۇ كۆچمەنلەر پاراخوتقا ئولتۇرۇپ ئالدى بىلەن ئىراقنىڭ بەسرە قولتۇقىغا، ئۇ يەردىن پويىز بىلەن تۈركىيەگە كۆچۈرۈپ كېلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى تۈركىيەنىڭ قەيسەرى ۋىلايىتىگە يەرلەشتۈرۈلىدۇ.

ھامىدخان ئەپەندى ئۆز كەچۈرمىشلىرى ئاساسىدا ئەسلىمە بېرىپ، ئەينى چاغدا ئافغانىستانغا كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ 1965-يىلىغا كەلگەندە ئىككىنچى تۈركۈمدە تۈركىيەگە كەلتۈرۈلۈپ يەرلەشتۈرۈلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆز ئائىلىسىنىڭمۇ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ھازىر گېرمانىيەدە ئولتۇرۇشلۇق ئەنۋەرجان ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئەسلىمە تەقدىم قىلىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 1967-يىلى يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنى ئافغانىستاندىن تۈركىيەگە ئەكېلىپ يەرلەشتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەنۋەرجاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ئىككىنچى تۈركۈمدە، يەنى 1967-يىلى ئافغانىستاندىن تۈركىيەگە كۆچۈرۈپ كېلىنىدۇ ھەمدە قەيسەرى ۋىلايىتىگە يەرلەشتۈرۈلىدۇ.

تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ئىچىدىكى بىر قىسىم ياشلار 1950-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە ئوقۇش ياكى باشقا يوللار بىلەن ياۋروپاغا بارىدۇ. غۇلامىدىن ئەپەندى ئەسلىمىسىدە ئۆزىنىڭ 1954-يىلى تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپا ئەللىرىگە، جۈملىدىن گېرمانىيەگە بېرىپ ئولتۇراقلاشقان تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئەنۋەرجان ئەپەندىمۇ ئەسلىمىسىدە ئۆزىنىڭ 1974-يىلى گېرمانىيەگە بارغانلىقى ۋە بۇ يەردىكى «ئازادلىق رادىئوسى» نىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىدا 20 يىل خىزمەت قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

ئاخىرىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە ئۇنىڭ شەكىللىنىش تارىخى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن غەرب دۇنياسىدا شەكىللەنگەن تۇنجى ئۇيغۇر جامائىتى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىنى ئاساس قىلىپ شەكىللەنگەن ئىكەن.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.