«ئوسمانلى ھۆججەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان» ‏- قەشقەرىيە خەلقىنىڭ بالقان ئۇرۇشىغا پۇل ئىئانە قىلىشى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016-03-28
Share
Qeshqeriye-Yaqupbegke-yardemleshken-Turk-eskerliri-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻴﻪ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﻳﺎﻗﯘﭖ ﺑﻪﮔﻜﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ.
www.pcteknik.net ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

ئوسمانلى-قەشقەرىيە مۇناسىۋىتى ئوسمانلىنىڭ تۈركىستان مۇناسىۋەتلەر تارىخىدىكى ئەڭ قىزىقارلىق سەھىپە. مەركىزى ئىستانبۇلدىكى «تۈرك دۇنياسى شەھەرلەر بىرلىكى» تەشكىلاتى نەشر قىلدۇرغان «ئوسمانلى ھۆججەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان» سەرلەۋھىلىك ئارخىپلار توپلىمىدا، ئوسمانلى بىلەن قەشقەرىيە خەلقىنىڭ غەيرىي رەسمىي مۇناسىۋەتلىرىگە دائىر نۇرغۇن ھۆججەتلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

شۇنىڭغا دائىر ئەڭ قىزىقارلىق ھۆججەتلەرنىڭ بىرى، قەشقەرىيە خەلقىنىڭ 1912-1913‏-يىللاردىكى بالقان ئۇرۇشىدا پۇل توپلاپ ئوسمانلىغا ئىئانە قىلىش ۋەقەسى. ئارخىپلار توپلىمىدا بۇنىڭغا دائىر 3 ھۆججەت ئۇچرايدۇ.

ئۇنىڭ بىرى، ئوسمانلى مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ھۆججىتى. 1913‏-يىلى 7‏-ئىيۇل، دەپ چېسلا قويۇلغان مالىيە مىنىستىرلىقى ھۆججىتىدە، قەشقەرىيە ئاھالىسىنىڭ مۇسا ئىسىملىك بىر غۇلجىلىق زات ئارقىلىق ئەۋەتكەن 24 مىڭ 351 شىۋېتسارىيە فرانكىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ھېلالى ئەھمەر يەنى ئوسمانلى قىزىل ھىلال جەمئىيىتىنىڭ خەزىنىسىگە ياتقۇزۇلغانلىقى قەيت قىلىنغان.

يەنە بىر ھۆججەت ئوسمانلى خارجىيە (تاشقى ئىشلار) مىنىستىرلىقىنىڭ ھۆججىتى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئوسمانلى خارجىيە مىنىستىرلىقى قەشقەرىيە خەلقىنىڭ پۇلى تاپشۇرۇۋېلىنغان بولسا مالىيە دائىرىلىرىنىڭ دەرھال جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

3‏-ھۆججەت ئوسمانلىنىڭ سانت-پېتىربۇگدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ خېتى. ئۇنىڭدا ئەلچىخانا، قەشقەرىيە خەلقى ئەۋەتكەن پۇلنىڭ جاۋابىنى ئالالمىغانلىقىنى، ئەگەر پۇل تاپشۇرۇپ ئېلىنغان بولسا ئۇلارغا دەرھال خەۋىرىنى بېرىش تەلەپ قىلىنغان.

تۈركىيەدىكى «شەرقىي تۈركىستان خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى» ناملىق توربېكىتىنىڭ باشلىقى ھامىت گۆكتۈرك، مەزكۇر ھۆججەت ئوسمانلىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدىكى ئوسمانلى-ئۇيغۇر مۇناسىۋەتلەر تەتقىقاتىنى قىممەتلىك ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەمما ئۇ ھۆججەتلەردە، ئىئانە پۇلنىڭ قانداق يىغىلغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق ئۇچۇر يوق. ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇ پۇلنى ئاكا-ئۇكا مۇسابايلار باشچىلىقىدىكى قەشقەر ۋە غۇلجىلىق بىر قانچە ئۇيغۇر باي چىقارغان.

ھامىت گۆكتۈرك: «1‏-بالقان ئۇرۇشى بولغاندا مۇسابايلار تۈركىيەگە كەلگەن، 1913‏-يىلى. ئۇ چاغدا ئوسمانلىلارنىڭ بېشىدا ئېتىھات تەرەققىي (ياش تۈركلەر) پارتىيەسى بار. شۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ بۇلارنى ئەدىرنەگە ئاپىرىدۇ. ئەدىرنەنى بالقان ئۇرۇشىدا ياتلار بېسىۋېلىپ تۈركىيە قايتۇرۇۋالغان. شۇنى كۆرسۇن، دەپ ئالايىتەن پويىزغا ئولتۇرغۇزۇپ ئاپىرىدۇ. 1913‏-يىلى ‹تەرجىمان› دەيدىغان بىر گېزىت بار ئىدى. ئىسمائىل گاسپىرالى چىقىرىدىغان، شۇ گېزىتتە مەن كۆرگەن ئۇ خەتنى، ئۇنىڭدا بىر قانچە ئادەمنىڭ ئىسمى بار. بىز مۇشۇنداق تۈركىيە بالقانلاردا ئۇرۇشقا كىرىپتۇ، دەپ ئاڭلىدۇق. بارايلى دېسەك ئۇزاق، شۇڭا ئاز بولسىمۇ بىر مىقدار پۇلنى سىلەرگە يوللىدۇق، دەپ ئالتۇن رۇبلى ئەۋەتكەن. مەن كۆرگەن ئۇ ھۆججەتتە ئىككى نەپەر مۇساباينىڭ ئىسمى بار. ئۇنىڭدىن باشقا 8-10 باينىڭ ئىسمى بار» دېدى.

ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى، ئۇيغۇر بايلىرىنىڭ ئوسمانلىغا ياردەم بېرىشىدىكى تۈپ سەۋەبنى ئۇلاردىكى كۈچلۈك ئۈممەتچىلىك قارىشىغا باغلايدۇ. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇ چاغلاردا ياقۇپبەگ ئاغدۇرۇلۇپ، قەشقەرىيەدە مانجۇ-خىتاي ھاكىمىيىتى تۇراقلىشىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر مۇنەۋۋەرلىرىدە ئوسمانلى سۇلتانىنى خەلىپە، دەپ ھۆرمەت قىلىش ئەھۋالى داۋاملىشىپ كەلگەن.

ھامىت گۆكتۈرك بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئۇ زامانلاردا تۈركىيەدىكى پادىشاھ مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي رەھبىرى، خەلىپىسى ئىدى. قۇمۇلنىڭ قازىسى، تۇرپاننىڭ مۇپتىسى ۋە قازىسى 1906‏-يىلى كېلىپ ئوسمانلى سۇلتانىغا ئەرز سۇنغان. ئۇلار ‹بىزدە خەلىپىنىڭ ئولتۇرغان دارىل ھىلافەتكە يەنى خەلىپىنىڭ پايتەختىگە كەلمەي تۇرۇپ قىلغان ھەج سەھىھ ھەج بولمايدۇ، دېگەن بىر چۈشەنچە بار› دەپ خەلىپىگە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە دوكلات بېرىدىكەن.

ئۇنىڭدىن كېيىن بىز پادىشاھنىڭ ئىسمىنى خۇتبىدە تىلغا ئالىمىز. بىز شەرقىي تۈركىستاندا خۇتبە ئوقىغاندا چۈشەندۈرمەي ئۆتەتتۇق، ئەمما تۈركىيەدە بۇنى تۈركچە چۈشەندۈرىدىكەن، بۇنىڭدىن كېيىن بىزمۇ تۈركىيەنى ئۆلگە ئېلىپ، ئۆزىمىزنىڭ تىلىمىزدا ئاللانىڭ ئەمىرى قۇرئاننى كەرىمىنىڭ تەرجىمىسىنى قىلىپ بېرىمىز، دېگەنلىكىنى مەن ئوقۇغان.»

1912-1913-يىللىرىدىكى بالقان ئۇرۇشى دەۋرى ئوسمانلىنىڭ ئاجىزلاشقان دەۋرى بولۇپ، بۇ دەۋردە بالقان ۋە ئوسمانلى كونتروللۇقىدىكى باشقا زېمىنلاردا كۈچەيگەن مىللەتچىلىك ھەرىكىتى ئۈممەتچىلىك ئاساسىدىكى ئوسمانلى دۆلىتىنى تەۋرىنىپ قويغان مەزگىل ئىدى. بۇ ئەھۋال ئوسمانلى مۇنەۋۋەرلىرىنى ئۆزىگە يېڭى بىر كىملىك ئىزدەشكە مەجبۇرلايدۇ. 1908‏-يىلى ھاكىمىيەتكە چىققان ئېتىھات تەرەققىي (ياش تۈركلەر) پارتىيەسى كۈچلۈك تۇرانچى سىياسىي ھەرىكەت ئىدى.

تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ خىتايشۇناس مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، ئۇلار تەختكە چىقىش بىلەن تۈركىستاندا تۇرانچىلىقنى كۈچەپ تارقىتىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەركىن ئەكرەم: «شۇ ۋاقىتتا مەيلى ئوتتۇرا ئاسىيادىن بولسۇن، مەيلى رۇسىيەدىن بولسۇن، نۇرغۇن مۇسۇلمان تۈرك بۇ ئۇرۇشقا قاتناشقان. ئۆز ۋاقتىدا بىزنىڭ مەملىكەتتىن ئىستانبۇلغا ئوقۇشقا كەلگەنلەر بولغان. مەسىلەن، مەسئۇد سابىرى بايقۇزى. جەڭ بولغاندا ئۇلار تۈركىيەدە ئىدى. ئېيتىشىچە، ئۇ بىزنىڭ مەملىكەتتىن كېلىپ قالغانلارنى بالقان تەرەپكە ئاپىرىپ ۋەقەلەرنى ئاڭلىتارمىش. مەسئۇد ئەپەندى ئېتىھات تەرەققىنىڭ ئادىمى.

ئېتىھات تەرەققىي 1908‏-يىلى ھاكىمىيەتنى ئالغاندا، بىزنىڭ ئىشىمىز يالغۇزلا مۇسۇلمانلار ئەمەس، تۈركىي خەلقلەرنىمۇ ئۆزىمىزگە تارتىپ ئۇلارنىڭ دۆلەت قۇرۇشىغا ياردەم قىلايلى، دېگەن قارارنى ئالغان. شۇنىڭ بىلەن تاتارىستاندىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستانغىچە ئادەم ئەۋەتكەن. بىزنىڭ ۋەتەنگە كەلگەن كامال ئىلقۇل شۇلارنىڭ بىرى ئىدى» دەيدۇ.

ئەمما ئەركىن ئەكرەم، تۇرانچىلىق ھەرىكىتىنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەركىن ئەكرەم، تۇرانچىلىق ھەرىكىتى تۈركىستان خەلقىنىڭ ئورتاق مىللىي كىملىككە ئېرىشىش ھەرىكىتى ئىدى، دەيدۇ.

ئەركىن ئەكرەم: «ھۇنگارىيەدىن باشلانغان ۋە تاتارىستاندا كۈچلەنگەن تۇرانچىلىق ھەرىكىتى مەۋجۇت ئىدى. تۇرانچىلىقنى ھەم ئەدەبىيات جەھەتتىن، ھەم ئاقارتىش ھەرىكىتى ئارقىلىق سىڭدۈرۈشكە تىرىشقان. ئەينى چاغدا زامانىۋى كىملىككە ئېرىشىش ئۈچۈن خەلق ئۆزىنىڭ تۈرك ئىكەنلىكىنى بىلىشى لازىم ئىدى. بۇ، قىرغىز، قازاق، ئۆزبېكلەر، بولۇپمۇ ئۆز ۋاقتىدا قازاندا، سانت پېتېربۇرگدا ئوقۇغان قازاق، قىرغىزلارمۇ بۇنى بىلەتتى. شۇڭا، 19‏-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئوقۇغان، زامانىۋى كىملىكنى بىلگەن مۇنەۋۋەرلەر تۈركىستان ئىسمى بىلەن چاغاتاي تىلىنى ئورتاق تىل قىلىپ، قۇرۇلغۇسى ئۇلۇس دۆلىتىنىڭ مىللىتىنى تۈرك دەپ قويۇپ، پۈتۈن تۈركىستاندا ئومۇمىي بىر دۆلەت قۇرىمىز، دەپ تىرىشقان. ئەمما شۇنداق بولسىمۇ، يەرلىك ھاكىمىيەتلەر بۇ پىكىر بىلەن كېلىشەلىگەن ئەمەس. بىر ئىدىيە بار، بىراق ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان.» دەپ كۆرسەتتى.

ئىئانە پۇل 3 كە بۆلۈپ سېلىنغان. بىرىنچى قېتىم 7700 فرانك، 2-قېتىم 6235 فرانك، 3‏-قېتىم 10416 فرانك ئەۋەتىلگەن. ئوسمانلى ھۆججىتىدە قەيت قىلىشىچە، ئىئانە پۇل رۇسىيەنىڭ رۇسكىي ئېزياتىسكىي بانكىسى ئارقىلىق ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ئىستانبۇلدىكى «ئىقدام» ناملىق بىر گېزىتنىڭ مەسئۇل مۇدىرى نۇرەتتىن دېگەن كىشىنىڭ نامىغا سېلىنغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت