قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەر ھەققىدە كۆپ ئويلانماقتا

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۇزۇن ئەسىرلەردىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا، ئەۋلادلىرىنىڭ قەلبىگە مىللىيلىكنى سىڭدۈرۈشكە، شۇنىڭ ئارقىلىق ئۆزلىرىنى مىللەت سۈپىتىدە ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىپ كەلگەن.

يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىرلىرىگە قارىغاندا، يەتمىش يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت مابەينىدە ھۆكۈم سۈرگەن سوۋېت ئىدېئولوگىيىسى دەۋرىدىمۇ ئۇلار بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. قازاقىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۆز مائارىپىنى، مەدەنىيىتىنى، سەنئىتىنى، ئەدەبىياتىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە تەرغىب قىلىش مۇمكىنچىلىكلىرى پەيدا بولغان بولسىمۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ يۆنىلىشتە تۇغۇلۇۋاتقان بەزى مەسىلىلەر بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالماقتا. شۇلارنىڭ بىرى توي-تۆكۈنلەردە مىللىي رەسىم-قائىدىلەرنىڭ ساقلىنىش مەسىلىسىدۇر.

بۇ ھەقتە ئەختىرىم ئەخمەتوۋا، ئابدۇخالىق ماھمۇدوف، تاشگۈل ھېزىياروۋا ۋە ئازتېكىن ئىبراھىموفلار ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.