قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناسلار مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى چۈشەنچىسى ھەققىدە توختالدى

0:00 / 0:00

ئۆتمۈشتىن مەلۇمكى، خەلقلەر ئۆز كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئاتا-بوۋىلىرى ماكانلىغان مۇستەملىكە ئاستىدىكى يەرلىرىنى ئازاد قىلىش مەقسىتىدە كۈرەش ئېلىپ بارغان ئىدى.

مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت دەپ نام ئالغان بۇ كۈرەش نەتىجىسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن غەلىبە ئارقىسىدا خەلقلەر ئۆز مەملىكەتلىرىنى قۇرۇپ، تىلىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش، مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئەۋلادلىرىنى تەربىيىلەش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە بولدى. ئۆز ۋاقتىدا كۆپلىگەن ئافرىقا، ئامېرىكا، ئاسىيا خەلقلىرى باسقۇنچىلارغا قارشى قوراللىق قوزغىلاڭلارنى كۆتۈرۈپ، مىڭلىغان قۇربانلار بەدىلىگە ئازادلىققا، ئەركىنلىككە ئېرىشتى.

مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى بۈگۈنكى كۈندە مەۋجۇتمۇ؟ ئۇ قانداق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە؟ بۇ ھەقتە قانداق كۆز قاراشلار بار؟

بىز بۇ ھەقتە، قازاقىستاندىكى مۇتەخەسسىسلەردىن ئايدوس سارىم، ئالىم ئاگىلىئوف، كونىستانتىن سېريۇشكىن ۋە قەھرىمان غوجامبەردىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.