رابىيە قادىر خانىم : «بۈگۈن ئەجدادلىرىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ يۈكسەك دېموكراتىك ئاڭغا ئىگە مىللەت ئىكەنلىكىنى نامايان قىلغان كۈن»

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2015.11.11
sherqiy-turkistan-islam-jumhuriyiti.JPG شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى يىغىنى. (خوڭكوڭدا خىتايچە نەشر قىلىنغان «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى)
RFA/Qutluq


بۈگۈن، 12 - نويابىر، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا، يەنى 1933 - يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ۋە 1944 - يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى كەينى - كەينىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا خەلقلەر بىلەن بىرلىكتە ئىككى قېتىم شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتالغان جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلىنغان خاتىرە كۈنىدۇر. بۇ تارىخىي كۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى تەرىپىدىن خاتىرىلەنمەكتە.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۈگۈن بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى زىيارەت قىلىپ ئۇنىڭ پىكىر - قاراشلىرىنى ئالدۇق.

ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدا كەينى - كەينىدىن مۇستەقىل ئىككى جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلىنغان بۇ خاتىرە كۈندە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رابىيە قادىر خانىم، بۇ كۈننىڭ ئەھمىيىتىگە يۈكسەك باھالار بېرىپ «جۇمھۇرىيەت كۈنى شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي ئەركىنلىك ئىرادىسىنى دۇنياغا جاكارلىغان، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆزىنى - ئۆزى باشقۇرۇش، ھۆر ياشاش ئىقتىدارىغا ۋە يۈكسەك دېموكراتىك ئاڭغا ئىگە مىللەت ئىكەنلىكىنى نامايان قىلغان بىر مۇقەددەس كۈن» دەپ بىلدۈردى ۋە شۇڭىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۈرەشچان ئەجدادلىرىدىن پەخىرلىنىدىغان شۇنداقلا مىللىي ئىرادىسىنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىشىگە بىۋاسىتە تۈرتكە بولۇپ كېلىۋاتقان بۇ كۈننى ئەڭ مۇھىم بايرام سۈپىتىدە تەنتەنە بىلەن قۇتلۇقلاش ئارقىلىق، خىتايغا ھەمىدە دۇنياغا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كۈرەش ئىرادىسىدىن ئەسلا ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى،ئەركىن ياشاش ئارزۇسىنى جاكارلايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

رابىيە قادىر خانىم يەنە، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەشنىڭ ئەۋلادلارغا نىسبەتەن ئەڭ سمۋوللۇق تەرىپى بولسا، ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بېغىشلاش دەپ ئالاھىدە توختىلىپ « ئۇ ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىزنى ھەر زامان ياد ئېتىپ تۇرۇش، ھەممىمىزنىڭ مىللىي ھەم ۋىجدانى بۇرچىدىن ئىبارەت» دېدى.

رابىيە خانىم پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى ئەھمىيەت بىلەن ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىق قىلىش بىلەن تەڭ يەنە، بۇ خاتىرە كۈنلەرنى قانداق قىلىپ ئەنئەنىگە ئايلاندۇرۇش ھەققىدە ئۆزىنىڭ تەكلىپ پىكىرلىرىنى بايان قىلىپ: «دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ۋەتەنپەرۋەر قېرىنداشلىرىمىز ھەر يىلدىكىگە ئوخشاشلا بۇ يىلمۇ ھەر خىل شەكىللەر بىلەن ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىزنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزمەكتە، مەن بۇ خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى بىلەن، ۋەتەنداشلىرىمىزنى، جۈملىدىن ياش نەسىللىرىمىزنى جۇمھۇرىيىتىمىز ھەققىدە چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش كېرەك» دېگەن پىكىرىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە يەنە بىر قاتار قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ يەنە، بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ تارىخى ئەھمىيىتى تونۇشتۇرۇش ۋە بۇ جۇمھۇرىيەتلەردىن ئۇيغۇر خەلقىگە مىراس قالغان ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق، ئىستىقلال مارشى، دۆلەت گېرىبى ۋە باشقىلارنى كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا تونۇتۇش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.