ئامېرىكا ئۇيغۇر جامائىتى رابىيە قادىر خانىم تەۋەللۇتىنىڭ 70 يىللىقىنى قۇتلىدى
2016.12.12

11-دېكابىر كۈنى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭغا يېقىن جايلاردىكى ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىر خانىم تۇغۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى ھەمدە ئۇنىڭغا گۈلدەستىلەر تەقدىم قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ رابىيە خانىمغا بولغان ئىززەت ھۆرمىتىنى ئىپادىلىدى.
يەكشەنبە كەچقۇرۇن ۋاشىنگتون ئەتراپىدا يېڭىدىن ئېچىلغان ئۇيغۇر رېستورانلىرىدىن «ئاماننىسا خان رېستورانى» قاينام تاشقىنلىققا تولغان بولۇپ، توپ -توپ بولۇشۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى بۇ جايدا بىر تەنتەنىلىك مۇراسىمنىڭ بولىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە ئىدى. دەرۋەقە شۇ كۈنى ۋاشىنگتون شەھىرى ھەمدە ۋىرجىنىيە ۋە مارىيلاند شتاتىدىن توپلانغان ئۇيغۇر جامائىتى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىر خانىم دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىمەكتە ئىدى.
پائالىيەتنىڭ ئەزىز مېھمىنى بولغان رابىيە خانىم ۋە ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھى سىدىق ھاجى روزى دوستلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا مۇراسىم زالىغا كىرىپ كەلگەندە پۈتۈن زالدىكىلەر گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ھەمدە قىزغىن قۇچاقلىشىشلار ئارقىلىق ھۆرمەت بىلدۈردى. رابىيە قادىر خانىممۇ مېھمانلار بىلەن بىر-بىرلەپ كۆرۈشتى ھەمدە ئۆز مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىدى.
«ئاماننىسا خان رېستورانى» بۈگۈنكى تەبرىك سورۇنى ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارلىغان يىگىرمە نەچچە خىل ئۇيغۇر تائاملىرى رەڭدار ۋە نەپىس شەكلى، شۇنداقلا ئۆزگىچە تەمى بىلەن سورۇننىڭ كەيپىياتىغا يېڭىچە تۈس قوشقان ئىدى. مېھمانلار ئۆچىرەت بولۇپ تائاملارغا ئېغىز تەككەچ ئۆزئارا قىزغىن سۆھبەتتە بولدى.
مېھمانلار ئاساسەن توپلىنىپ بولغاندا رابىيە خانىمنىڭ شەرىپىگە يىغىلغان مېھمانلارغا ۋاكالىتەن ئۇنىڭ ئۇزۇن يىللىق سەبداشلىرىدىن يازغۇچى ئابلىكىم باقى سۆزگە چىقىپ رابىيە خانىمنىڭ ھاياتىنى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتتى.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئابلىكىم باقى ئۆزى يېزىپ چىققان، رابىيە خانىمغا بېغىشلانغان ئىككى پارچە ئەسەرنىڭ تۈركىيە دۆلەتلىك نەشرىياتىدا تۈركچە ۋە ئۇيغۇرچە تىللاردا نەشر قىلىنغانلىقىنى ئېيتقاندا پۈتۈن زالدىكىلەر ئالقىش ياغدۇردى. ئارقىدىنلا ئۇ رابىيە خانىمنىڭ مىللەتچىلىك ۋە دۆلەتچىلىك ھەققىدىكى نۇتۇقلىرى ۋە بايانلىرى ئاساسىدا ۋۇجۇدقا چىققان ئەسەرنىڭ رابىيە خانىمنىڭ تۇنجى كىتابى سۈپىتىدە نەشر قىلىنغانلىقىدىن مەلۇمات بەرگەندە سورۇن ئەھلى بۇ خوش خەۋەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى.
ئارقىدىن سورۇن رىياسەتچىسى گۈلچېھرە رابىيە خانىمنىڭ قەدىناسلىرىدىن خۇرشىدە خانىمنىڭ ئاياللار توپىدىكى دوستلىرىغا ۋاكالىتەن تەييارلىغان گۈلدەستىنى سورۇن ئەھلى نامىدىن رابىيە خانىمغا تەقدىم قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندا زالدىكىلەر يەنە بىر قېتىم ئالقىش ياغدۇردى. ئارقىدىن مېھمانلار بەس-بەستە ئۇسسۇلغا چۈشۈپ بۇ خۇشاللىق مىنۇتلىرىدىن بىرلىكتە بەھرىلەندى.
مېھمانلار ئۇسسۇلدىن توختىغاندا رابىيە خانىم سۆزگە چىقىپ، ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بۇ ھىممىتىگە بولغان تەشەككۈرىنى ئىپادىلىدى. ئۇ سۆزىدە بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ تارىخ بېتىدە بىر سەھىپە بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئارقىدىنلا ئامېرىكا ئۇيغۇر جامائىتى رابىيە خانىمنىڭ كۆپ يىللىق ئۇيغۇر داۋاسىغا سىڭدۈرگەن ئەجرى، شۇنداقلا ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ خەلقئارالىشىشىدا ئوينىغان ھەل قىلغۇچ رولىغا تەشەككۈر بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ئۇنىڭغا لەۋھە تەقدىم قىلدى. نەپىس لەۋھە يۈزىگە چېكىلگەن ئۇيغۇرچە تېكىست ئۈنلۈك ئوقۇلغاندا سورۇن ئەھلى يەنە بىر قېتىم ھاياجانغا چۆمدى.
بۇ قېتىمقى قۇتلۇق سورۇنغا قەدەم تەشرىپ قىلغان سىدىق ھاجى روزىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە سۆز ئېلىپ ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ مۈشكۈللۈككە ۋە رىيازەتكە تولغان بىر يول بولسىمۇ كىشى پەخىرلەنگۈدەك شەرەپكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئاخىرىدا سورۇن ئەھلى رابىيە قادىر خانىمنىڭ 70 ياشلىق تەۋەللۇتىغا ئاتاپ تەييارلىغان چوڭ تورت ئېلىپ كېلىندى، ئۇيغۇر جامائىتى ئۆزلىرىنىڭ رابىيە خانىمغا بولغان سەمىمىي تىلەكلىرىنى بىلدۈرگەچ بەس-بەستە ئۇنىڭ بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. پائالىيەت قىزغىن تىلەكلەر ۋە سەمىمىي خوشلىشىشلار ئىچىدە كۆڭۈللۈك ئاخىرلاشتى.