«ميۇنخېن زامانداش رەسساملار جەمئىيىتى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 150 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ماي بوياق رەسىملەر كۆرگەزمىسى ميۇنخېندىكى مىسىر مۇزېيىدا داۋام قىلماقتا.
تونۇلغان ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىممۇ بۇ كۆرگەزمىگە تاللانغان 100 رەسسام قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. ئۇنىڭ «قەدىمىي ھويلا» ناملىق بىر پارچە ماي بوياق ئەسىرى كۆرگەزمىگە قويۇلغاندىن سىرت، ئۆزىمۇ مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ چوڭ تويىغا ئاتالغان ژۇرنالدا تونۇشتۇرۇلغان.
1868-يىلى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە قۇرۇلغان «ميۇنخېن زامانداش رەسساملار جەمئىيىتى» گېرمانىيە ۋە ياۋروپا گۈزەل سەنئەت ساھەسىدە تەسىرى بىر قەدەر چوڭ بولغان تەسۋىرىي سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى.
جەمئىيەتنىڭ تور بېتىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئۇنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 150 يىللىق تويى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئىچىدە تاللانغان رەسساملارنىڭ ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئاساسلىق پائالىيەت ھېسابلىنىدىكەن.
كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 1-فېۋرال داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، كۆرگەزمە 25-فېۋرالغچە داۋام قىلىدىكەن.
گېرمانىيەدىكى تونۇلغان ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىممۇ ئۆزىنىڭ «قەدىمىي ھويلا» ناملىق ئەسىرى بىلەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تاللىشىدىن ئۆتكەن يۈز رەسسامنىڭ 161 پارچە ئەسىرى قويۇلغان مەزكۇر كۆرگەزمىدىن ئورۇن ئالغان. بۇ، ئۇنىڭ مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ بۇ خىلدىكى كۆرگەزمىلىرىگە 12-قېتىم قاتنىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەرۋايىت ھاپىز خانىم، بۇ كۆرگەزمىنىڭ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بىر پارچە ئەسىرىنىڭ بۇ كۆرگەزمىگە قويۇلغاندىن سىرت، جەمئىيەتنىڭ 150 يىللىقىغا بېغىشلانغان كاتالوگىدىمۇ تونۇشتۇرۇلغانلىقىنى، بۇنى ئۆزىنىڭ ھازىرغىچە بولغان كەسپىي ھاياتىدىكى ئىپتىخارلىنارلىق بىر نەتىجە، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە ئۇيغۇر خەلقى ئېغىر كۈنلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە قولغا كەلتۈرگەن بۇ نەتىجىسىنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ يارىلانغان قەلبىگە ئىلھام بەخش ئېتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.
قابىلىيەتلىك رەسسام مەرۋايىت خانىمنىڭ بۇ نەتىجىسى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ تارقىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ناھايىتى سۆيۈندۈرمەكتە.
سەنئەت ساھەسى زور رىقابەتكە تولغان ياۋروپا جەمئىيىتىدە بىر رەسسامنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشىشىنىڭ ھەقىقىي تالانت ۋە ئۆزگىچىلىك تەلەپ قىلىدىغانلىقى سەنئەتكارلار تەرىپىدىن يەكۈنلەنگەن قاراشتۇر.
بۇ ھەقتە توختالغان شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر رەسسام نىجات ھوشۇر ئەپەندى كەسىپدىشى مەرۋايىت خانىمنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە كەسىپكە بولغان ئىزچىللىقىغا قايىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، رەسىم سەنئىتى ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان ياۋروپادا، بولۇپمۇ گېرمانىيەدەك گۈزەل سەنئەت تارىخى ئۇزۇن بىر دۆلەتتىكى بۇنداق نوپۇزلۇق جەمئىيەتنىڭ كۆرگەزمىسىگە تاللىنىشنىڭ ھەر قانداق بىر رەسسامغا نىسبەتەن ئىپتىخارلىنارلىق بىر ئىش، ئىكەنلكىنى ئېتتى.
نىجات ھوشۇر ئەپەندى يەنە بۇ خىلدىكى كۆرگەزمىلەرگە مەرۋايىت خانىمنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تاللىنىشىغا «ئۇنىڭ رەسىملىرىدىكى چوڭقۇر پەلسەپىۋىلىك، خاسلىق ۋە ئۆزگىچە ئىپادىلەش ئۇسۇلى سەۋەب بولدى» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىتىدىن يېتىشىپ چىقىۋاتقان گۈزەل سەنئەتچىلەرنى ھەقىقىي يوسۇندا قوللىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىپ: «ھەر قانداق رەسسام ئۆز خەلقىنىڭ قوللىشىدىن تاپقان ئىلھامنى ھېچ يەردىن تاپالمايدۇ» دېدى.
0:00 / 0:00