ئىيوردانىيەلىك ئۇيغۇر سودىگەر سېيىت نادىر ئەپەندى مۇخبىرىمىز بىلەن سۆھبىتىنىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا، تەيۋەندىكى 3 يىللىق ئوقۇش ھاياتى ھەققىدە توختالدى.
ئۇنىڭ دېيىشىچە، مەكتەپنىڭ نامى جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار ئوتتۇرا مەكتىپى، ئەمما مەكتەپتە ئۆتۈلىدىغان دەرس ۋە مەشغۇلاتلار ھەربىي تەلىماتقا ئائىت. سېيىت نادىر ئەپەندىنىڭ ئەسلىشىچە، تەيۋەندىكى مەشھۇر ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرىدىن ئابدۇللا تىمەن، مەزكۇر مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى زىيارەت قىلغان چېغىدا مەكتەپتە ياخشى ئوقۇپ پۇرسىتى كەلگەندە يۇرتىغا قايتىشقا ۋە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قىساسىنى ئېلىشقا دەۋەت قىلغان.
مۇخبىرىمىز بۇ پروگراممىسىنىڭ داۋامىدا ئابدۇللا تىمەن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ سىياسىي كىملىكى ھەققىدە دوكتور قاھار بارات ئەپەندىنىڭ قاراشلىرىنى سورىدى. قاھار بارات ئەپەندى، گومىنداڭنىڭ تەركىبىدىمۇ قىممەتلىك ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە سىياسىي ئەربابلىرىنىڭ بولغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھاياتى ھەققىدە ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.