شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار نورۇز بايرىمىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى

0:00 / 0:00

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، 26-مارت كۈنى سىتوكھولمنىڭ تېنىستا رايونىدىكى كۇتۇپخانا پائالىيەت زالىدا بىرلىكتە نورۇزنى تەبرىكلىدى.

پائالىيەتكە شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ تەكلىپى بىلەن تۈركىيە، قازاقىستان، گېرمانىيە، گوللاندىيە، نورۋېگىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن زىيارەت ئۈچۈن كەلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ شۇ يەردە تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن رەئىس ۋە تەشكىلات باشلىقلىرى ھەمدە شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 200 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

پائالىيەت ئالدى بىلەن ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئابدۇشۈكۈر سامساقنىڭ تەبرىك سۆزى بىلەن باشلاندى، باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن مېھمانلارمۇ ئايرىم تەبرىك سۆزى سۆزلىدى ۋە ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سالىمىنى يەتكۈزدى.
نورۇز پائالىيىتى ناھايىتى جۇشقۇن كەيپىيات ئىچىدە ئۆتتى، ئۆسمۈرلەر راۋان ئۇيغۇر تىلىدا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «ئويغان» ناملىق شېئىرىنى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» ناملىق شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى.

نورۇز پائالىيىتىگە كەلگەن مېھمانلاردىن، كۇندۇزئاي خانىم ئېلىپ كەلگەن «نورۇز كەلدى» دېگەن شېئىر كۆپچىلىكنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق ئاۋاز ئارتىستلىرىمىزدىن سىراجىدىن فەتقۇللا ئەپەندى تەرىپىدىن جاراڭلىق ئوقۇلغان نورۇز قوشىقى مېھمانلارنى ھاياجانغا سالدى.

پائالىيەت ئاخىرىدا بىز، پائالىيەتكە قازاقىستاندىن كېلىپ قاتناشقان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قەھرىمان غوجامبەردىنى زىيارەت قىلدۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى نورۇز پائالىيىتى ھەققىدىكى تەسىراتىنى بايان قىلدى.

بۈگۈنكى نورۇز پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئابدۇشۈكۈر سامساق پائالىيەتنىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.