سوۋېت تارىخىي ئارخىپ ھۆججەتلىرى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ لېنىننىڭ قارارى بويىچە ۋە مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىشى شۇنىڭدەك مەبلەغ ئاجرىتىشى بىلەن قۇرۇلغانلىقىنى كۆرسەتسە، ستالىن دەۋرىدە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ باشتىن ئاخىرى ستالىننىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلغانلىقى، ھەتتا ئىقتىسادىي مەبلەغلەرنىڭمۇ موسكۋادىن ئالغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.
ستالىن خىتاي كومپارتىيىسى بىلەن گومىنداڭنىڭ ھەمكارلىقىدىن تارتىپ دۈشمەنلىشىشى، ئاخىرىدا كومپارتىيىنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشىغىچە بولغان ئۇزۇن جەرياندا ئەڭ تەسىر كۆرسەتكۈچ داھىيلىق رولىنى جارى قىلدۇرغان ئىدى.
ستالىن بىلەن ماۋنىڭ مۇناسىۋەتلىرى ۋە ھەمكارلىقى، ستالىننىڭ ماۋغا نىسبەتەن قانداق پوزىتسىيىدە بولغانلىقى، ستالىننىڭ 1945-يىلىدىن كېيىنكى خىتاينىڭ سىياسىي تەقدىرىگە قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى رۇس تارىخشۇناسلىرى تەرىپىدىن يېڭىچە چۈشەندۈرۈلمەكتە. رۇس تارىخشۇناسلىرى سوۋېت ئارخىپلىرىنى كۆرۈش، تەتقىق قىلىش جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلىنىپ، سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ باشقا يۈزىنى ئېچىپ بەرمەكتە.
رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى يىراق شەرق ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى يۇرىي مىخايلوۋىچ گالېنوۋىچ بۇ ساھەدە ئەڭ كۆپ ئىزدەندى ۋە ئۆزىنىڭ نوپۇزلۇق كىتابى «ستالىن ۋە ماۋ» نى نەشر قىلدۇردى.
موسكۋادىكى «شەرق كىتابلىرى» نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان 570 بەتلىك بۇ كىتابتا رۇس تەتقىقاتچىسى گالېنوۋىچ ستالىن بىلەن ماۋنىڭ 1945-1950-يىلىدىكى مۇناسىۋەتلىرىنى بىر قەدەر ئەتراپلىق يورۇتقان. كىتابتا ستالىننىڭ 1949-يىلى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشىغا كۆرسەتكەن تەسىرى، ليۇ شاۋچىنىڭ موسكۋا زىيارىتى، 1949-يىلى، 12-ئايدا ماۋنىڭ موسكۋانى زىيارەت قىلىش جەريانىدا ستالىن بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرى ھەمدە 1950-يىلى، سوۋېت-خىتاي دوستلۇق شەرتنامىسىنىڭ ئىمزالىنىش جەريانلىرى ئارخىپ ماتېرىياللىرى ئاساسىدا يورۇتۇلغان.
رۇس ئاپتورى كىتابىدا ماۋ بىلەن ستالىننىڭ ھەمكارلىقىدىكى ئۇيغۇر ئېلى مەسىلىسى ھەققىدە قىسقا بولسىمۇ توختالغان بولۇپ، ئۇ ستالىننىڭ ئۇيغۇر ئېلى مەسىلىسىدىكى مەيدانى ھەققىدە نىكىتا خرۇشېۋنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئاساس قىلغان. ئاپتور ستالىننىڭ ھېچقاچان «شىنجاڭ» نى ئايرىۋېتىش نىيىتى بولمىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.